خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىنىڭ ئورنىدا «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى مۇزېيى» قۇرغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.07.15

خىتاي ھۆكۈمىتى تارىختىكى ئۇيغۇر ئىدىقۇت دۆلىتىنىڭ مۇھىم سىياسى، سودا-ئىقتىسادىي مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان، ھازىرقى جىمىسار ناھىيەسى تەۋەسىدىكى بەشبالىق قەدىمكى شەھەر خارابىلىقىنىڭ ئورنىدا، تاڭ سۇلالىسىغا دائىر «غەربىي رايون تۇتۇق مەھكىمىسى مۇزېيى» نى قۇرغان.

«خىتاي خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 14-ئىيۇلدىن باشلاپ رەسمىي ئېچىلغان بۇ مۇزېي «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىنىڭ غەربىي رايوندىكى ئەنشى، بېيتىڭ قاتارلىق ھەربىي، سىياسىي ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە رېمونت قىلىنىشى، شۇنداقلا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان ئارلىقتا بۇ رايوندىكى ھەر مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ ئۆزئارا ئالمىشىشى ھەم قوشۇلۇشىنى نامايەن قىلغان» ئىكەن.

ھالبۇكى تەتقىقاتچىلار، بۇ مۇزېي خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلىدىن باشلانغان «شىنجاڭنى مەدەنىيەت بىلەن ئوزۇقلاندۇرۇش» نامىدا ئۇيغۇرلار تارىختا قۇرغان مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدە ئۇلارنىڭ تىل-يېزىق ۋە تۈرلۈك مەدىنىيەت ئۆرنەكلىرىنى ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، رايوننى ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇش پىلانىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلدىن باشلاپ نۇرغۇن مەبلەغ ئاجرىتىپ، رايوندا كەڭ كۆلەملىك مۇزېي قۇرۇلۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان ۋە بۇ مۇزېيلاردا ئۇيغۇر تارىخى خىتاي تارىخىنىڭ رامكىسى ئىچىدە قايتىدىن شەرھىيلەنگەن.

ئارخېئولوگلارنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي تارىخنامىلىرىدا غەربىي رايوندا «ئەنشى تۇتۇق مەھكىمىسى»، «بېيتىڭ تۇتۇق مەھكىمىسى» دەيدىغان بىر قىسىم خاتىرىلەر مەۋجۇت بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر دىيارىدا بۇنداق ئورۇنلارنىڭ مەۋجۇت بولغانلىقىنى دەلىللەيدىغان ھېچقانداق ئارخېئولوگىيەلىك ماددىي پاكىتلار يوق ئىكەن. خىتاي ھۆكۈمەت تارىخچىلىرىنىڭ بۈگۈر، جىمىسار قاتارلىق جايلاردىكى بەزى قەدىمىي خارابىلەرنى «تۇتۇق مەھكىمىسى» دېيىشى، ئىلمىي ۋە تارىخىي جەھەتتىن گۇمانلىق ئىكەن.

خىتاي دائىرىلىرى 2018-يىلى جىمىساردىكى بۇ قەدىمىي شەھەر خارابىلىقىنى خىتايدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «مەملىكەتلىك تەتقىقات ۋە ئەمەلىيەت تەربىيەسى بازىسى» قىلىپ بېكىتكەن، شۇنداقلا 2021-يىلى بۇ ئورۇن خىتاي دۆلەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسى تارقاتقان «چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ 14-بەش يىللىق پىلانى» غا كىرگۈزۈلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى تارىخىي ئىزلار ۋە ئارخېئولوگىيەگە دائىر مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىپ، ئۇنى ئاتالمىش «جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى» بەرپا قىلىشنىڭ تارىخىي ئاساسىغا ئايلاندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقى، ئىلىم ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.