مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۆتكەن 20 يىلدا ئۇيغۇر رايونى خىتاينىڭ پۈتۈن دۇنياغا قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسىغا كېرەكلىك ماتېرىيال ۋە زاپچاسلارنى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئاساسلىق بازىسىغا ئايلانغان بولۇپ، يېڭى تەكشۈرۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەر بۇ سانائەتنىڭ غوللۇق ئەمگەك كۈچلىرىگە ئايلانغان، ئەمما بۇ كىشىلەر ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە خىتاي تەرىپىدىن قۇل ئورنىدا ئىشلىتىلمەكتە ئىكەن.
CNN تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۈمە كۈنى (14-ماي) ئېلان قىلىنغان «پارلاق كۈن نۇرىدا: ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە يەر شارى قۇياش ئېنىرگىيەسى مال تەمىنلەش لىنىيەسى» ناملىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پاكىز ئېنىرگىيەگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال ۋە زاپچاسلار بۇلغىنىشچان كۆمۈر ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
مەلۇماتلارغا قارىغاندا، قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى ياساش ئۈچۈن كۇئارتىز، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ ماددىسى بولغان مېتاللاشقان سىلتىسىي، بىرىكمە سىلتىسىي، قەلەي، پلاستىنكا (نېپىز قەۋەت) قاتارلىق ماتېرىياللار كېرەكلىك بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ھاۋا بۇلغاش دەرىجىسى ئەڭ ئېغىر بولغان كۇئارتىز ۋە مېتاللاشقان سىلتىسىي ئىشلەپچىقىرىش ھالقىسى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەن.
خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، قۇياش ئېنىرگىيەسى بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ پاكىز ئېنىرگىيە سىياسىتىنىڭ نېگىزلىك ھالقىسى بولۇپ، پرېزىدېنت جوۋ بايدېن ئامېرىكادىكى 2035-يىلغىچە داۋاملىشىدىغان پاكىز ئېنىرگىيە قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 2 تىرىليون دوللار ئاجرىتىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنداق بولغاندا ھەر قايسى شىتاتلاردىكى توك ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرى كېلىمات ئۆزگىرىشى پەيدا قىلىدىغان بۇلغىنىشنى تۈگىتەلەيدىكەن. ھالبۇكى، بۇ پىلان قۇياش ئېنىرگىيەسى ۋە شامال ئېنىرگىيەسىگە سەرپ قىلىدىغان چىقىمنى بىر ھەسسە ئۆرلىتىدىكەن.
مۇتەخەسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، قۇياش ئېنىرگىيەسىگە بولغان ئېھتىياج ۋە چىقىمنىڭ ئېشىپ بېرىشى خىتايدىكى قۇياش ئېنىرگىيەسى تاختىسى ئىشلەپچىقىرىشىنى تېخىمۇ تېزلىتىدىكەن ۋە بۇنىڭغا چېتىشلىق مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىش ھەرىكىتىنى قىيىنلاشتۇرىدىكەن.
