ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتى Binance ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى جاۋ چاڭپېڭنى سوتقا تارتتى

ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاكسىيە ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتى 5-ئىيۇن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ شىفىرلىق پۇل يەنى بىت تەڭگىسى ئالماشتۇرۇش شىركىتى بولغان Binance (باينەنس) ۋە ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى جاۋ چاڭپېڭ ئۈستىدىن «ئالدامچىلىق تورى» قۇرۇپ، مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش بىلەن ئەيىبلەپ ئامېرىكانىڭ ۋاشىنگتوندىكى بىر فېدىراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتى سوت مەھكىمىسىگە قىلغان ئەرزىدە، Binance شىركىتى، جاۋ چاڭپېڭ ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى بىت تەڭگىسى پېرېۋوتىغا مەسئۇل خادىمىنى 13 خىل جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن.

ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ كۆرسىتىشىچە، Binance ئۆزىنىڭ سودا سوممىسىنى سۈنئىي رەۋىشتە كۆپتۈرۈپ كۆرسەتكەن، خېرىدارلىرىنىڭ مەبلىغىنى يۆتكەپ ئىشلەتكەن، ئامېرىكا خېرىدارلىرىغا ئۇنىڭ سۇپىسىنى ئىشلىتىشتە چەك قويمىغان، شۇنداقلا ئۇنىڭ بازارنى نازارەت قىلىش كونترولى توغرىسىدا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئالدىغان. ئامېرىكا ئاكسىيە ۋە ئالماشتۇرۇش كومىتېتى يەنە Binance ۋە دۇنيا بىت تەڭگە بازىرىدىكى ئەڭ داڭلىق بايلارنىڭ بىرى بولغان جاۋ چاڭپېڭنىڭ خېرىدارلارنىڭ مال-مۈلكىنى مەخپىي كونترول قىلىپ، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مەبلىغىنى «خالىغانچە» بىرىكتۈرگەنلىكى ۋە يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، جاۋ چاڭپېڭ ئەسلى خىتاينىڭ جياڭسۇ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، 1980-يىللارنىڭ ئاخىرلىرى 12 ياش ۋاقتىدا ئائىلىسى بىلەن كاناداغا كۆچمەن بولۇپ كۆچۈپ چىققان. ئۇنىڭ ھازىرقى Binance شىركىتىنى 2017-يىلى قۇرغانلىقى ۋە ئۇنىڭ 2018-يىلى «فوربېس» ژۇرنىلى تەرىپىدىن «دۇنيا بىت تەڭگىسى بازىرىدىكى ئەڭ باي 3-كىشى» دەپ باھالانغانلىقى مەلۇم.

لېكىن بۇ قېتىم جاۋ چاڭپېڭ ۋە ئۇنىڭ Binance شىركىتىنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلىنىشى ئەمەس. بۇ يىل ئامېرىكا تاۋار قەرەللىك سودا كومىتېتىمۇ جاۋ چاڭپېڭ ۋە ئۇنىڭ Binance شىركىتى ئۈستىدىن ئىللىنويىس شتاتىدىكى رايونلۇق فېدېراتسىيە سوت مەھكىمىسىگە ئەرز قىلغان.