«بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» جىددىي ئىجرا بولماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 11-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى زور كۈچ بىلەن ئىجرا قىلىۋاتقان «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» چاقىرىقى نۆۋەتتە 11-دېۋىزىيەدە ئەڭ ئۈلگىلىك دەرىجىدە ئەمەلىيلەشمەكتىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەۋىرىدە بۇ خىل «بىرلەشتۈرۈش» نىڭ كۆرۈنۈشكە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلارنى ناخشا-ئۇسسۇل، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ساھەسىدە «قولمۇ-قول تۇتۇشقان» ھالدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئىستراتېگىيەلىك بايلىقلارنى ئالماشتۇرۇشنى تېزلىتىش ساھەسىدە ھەمكارلاشقانلىقى شەكلىدە گەۋدىلەندۈرگەن. ئەمما خەۋەردە ئالاھىدە شەرھلەنگەن «داۋالاش كاپالىتىنى ھەمكارلىشىپ راۋاجلاندۇرۇش»، «پەن-تېخنىكا ئالماشتۇرۇشتا ھەمكارلىشىش»، «مەدەنىيەت ئارقىلىق سۇغىرىشتا ھەمكارلىشىش» دېگەنلەر ماھىيەتتە ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى ئەڭ نېگىزلىك ئارىلىقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۇيغۇرلارنى خىتايچە مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىگە ئېلىشقا خىزمەت قىلىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، 11-دېۋىزىيە ئۈرۈمچى شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، 70 مىڭغا يېقىن نوپۇسنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى خىتايلار ئىكەن. مەزكۇر دېۋىزىيە ئۈرۈمچىدىكى كۆپلىگەن ئىقتىسادىي ساھەنى مونوپول قىلىۋالغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنداق بىر نۇقتىنى «بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنى بىرلەشتۈرۈش» تىكى ئۈلگىلىك ئورۇن سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىشى نۆۋەتتىكى «بىرلەشتۈرۈش» چارىلىرىنىڭ تېز ئارىدا ئۇيغۇر دىيارىدىكى باشقا بىڭتۇەنلەرگە كېڭىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت، دەپ قارالماقتىكەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى بولسا بىرقىسىم مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەن سىستېمىسىنى كۈچەيتىشى ماھىيەتتە ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاپتونومىيە سىستېمىسىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ ئۇنى ئاخىرقى ھېسابتا ئاجىزلىتىش ۋە يوق قىلىشنىڭ تەييارلىق خىزمىتى ئىكەنلىكىنى ئالغا سۈرگەنىدى.