«بىڭتۇەن كۈندىلىك گېزىتى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىڭتۇەنگە قاراشلىق 2 ئالىي مەكتەپتە 7 تولۇق كۇرس كەسىپى تەسىس قىلىنغان.
بۇ ئالىي مەكتەپلەردىن بىرى، شىنجاڭ سىياسىي-قانۇن ئىنستىتۇتى بولۇپ، بۇ يىل 1-ئايدا بىڭتۇەننىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن. بۇ مەكتەپ تولۇق كۇرس مائارىپىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن چوڭلار مائارىپى بىلەن كەسپىي تەربىيەلەشنىمۇ ئېلىپ بارىدىكەن.
يەنە بىرى، تارىم ئۇنىۋېرسىتېتى بولۇپ، بۇ مەكتەپكە تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش، مەخپىيەتلىكنى ساقلاش تېخنىكىسى، مەخپىيەتلىكنى باشقۇرۇش ئىلمى، ئۇردۇ تىلى قاتارلىق يېڭى كەسىپلەر تەسىس قىلىنغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بىڭتۇەنگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ كۆپىيىشى ۋە يېڭى كەسىپلەرنىڭ قوشۇلۇشى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر رايونىنى كونترول قىلىش نىيىتىنى يەنىمۇ روشەن كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇ يەردىكى «تور بىخەتەرلىكىنى قوغداش» قاتارلىق زىل كەسىپلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى تەقىپ-نازارەت سىستېمىسى ۋە ئۇچۇرنى قامال قىلىش ئېھتىياجىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، ئۇردۇ تىلىنى مەخسۇس كەسىپ قىلىپ تەسىس قىلىشى پاكىستان، ئافغانىستان (تالىبان) بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئېھتىياجىدىن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
