خىتايچە «تەڭرىتاغ تورى» نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ما شىڭرۈي 24-ماي كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى مەركىزىي رايونلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمەت يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شىنجاڭنىڭ غوللۇق ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئىچكىرى خىتايغىمۇ، خەلقئاراغىمۇ ئېچىۋېتىلگەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» قۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
ما شىڭرۈي بۇ يىغىندا ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان، قەشقەر بىلەن قورغاسنى تايانچ بازىسى قىلغان، ئىچكىرى ۋە تاشقىرى قاتناش يوللىرى، سودا يوللىرى راۋان بولغان، جەنۇبىي ئاسىيا، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا تۇتىشىدىغان «ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى» قۇرۇش ھەققىدە يوليورۇق بەرگەن. ئۇ يەنە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ۋە مال تەمىنلەش لىنىيەسىنى كېڭەيتىش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە بولغان تەسىرى ۋە باشلامچىلىق رولىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش، جۈملىدىن ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە ئېلىش ئۈچۈن «بىر بەلۋاغ بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى ھازىر بۇ قۇرۇلۇشنىڭ نۇقتىلىق بازىسى ۋە مۇھىم تۈگۈنىگە ئايلانغان. مەركىزىي ئاسىيا بويىچە مۇتەخەسسىس ئېركىن بايداروفنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرگىنىدەك، خىتاينىڭ مەركىزىي ئاسىيا ئىستراتېگىيەسى بۇ رايوننى ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىگىلەش. خىتاينىڭ نەپسى ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەبىئىي بايلىقلىرىمۇ يەتمەيدۇ، ئۇلار قازاقىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستاننىڭ نېفىت، تەبىئىي گازلىرىغا ئاللىبۇرۇن كۆز تىككەن.