«قاراسۇ» (Black Water) شىركىتىنىڭ ساھىبى ئېرىك پرىنس: «شىنجاڭدا مەشىق بازىسى ئاچمىدۇق»

دۇنيادىكى بىر قىسىم ئۇرۇش رايونلىرىدا ياللانما ئەسكەر تەمىنلەش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەن ئامېرىكانىڭ سابىق «قاراسۇ» (Black Water) بىخەتەرلىك شىركىتى كېيىنكى مەزگىللەردە شىركەت نامىنى «ئاۋانگارت مۇلازىمەت گۇرۇھى» دەپ ئۆزگەرتكەن.

مەزكۇر شىركەتنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا خىتاينىڭ يۈننەن ئۆلكىسى بىلەن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا مەشىق بازىسى تەسىس قىلىپ، خىتاي دۆلەت ئامانلىقى كۈچلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكى خەۋەر قىلىنغان شۇنداقلا بۇ خەۋەر خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى تارتقان ئىدى.

تۈنۈگۈن، يەنى 12-مارت «ئەل-جەزىرە» تېلېۋىزىيەسىنىڭ مەشھۇر رىياسەتچىسى مەھدى ھەسەن مەزكۇر شىركەتنىڭ ساھىبى ئېرىك پرىنس بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پروگراممىسىدا مىليونلىغان ئىنسانلار يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا سولىۋېلىنغان ئۇيغۇر رايونىدا ئۇلارنىڭ قانداقلارچە مەشىق بازىسى تەسىس قىلىپ، خىتاي ئامانلىق كۈچلىرىنى تەربىيەلىگەنلىكى ھەققىدە سوئال قويغان. ئېرىك پرىنس بۇ ھەقتە چىققان خەۋەرلەرنىڭ خاتالىقىنى، ئۆز شىركىتىنىڭ خىتايدا ئەسكىرىي مەشىق مۇلازىمىتى بىلەن ئەمەس، بەلكى قۇرۇلۇش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

مەھدى ھەسەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى تىلغا ئالغىنىدا ئېرىك پرىنس بۇ خەۋەرلەردە تەرجىمان خاتالىقى يۈز بەرگەنلىكىنى ئىزاھلىغان. مەھدى ھەسەن بۇنىڭغا قارىتا ئۆزىنىڭ مەشىق بازىسى ھەققىدىكى ئۇچۇرنى خىتايچە خەۋەردىن ئەمەس، بەلكى مەزكۇر شىركەتنىڭ تورىدىكى ئىنگلىزچە باياناتتىن نەقىل ئالغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئېرىك پرىنس ئۆز شىركىتىنىڭ ئۇيغۇر رايوندىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە توختاۋسىز ۋە قىستاپ سورالغان سوئاللارغا جاۋابەن ئۆزلىرىنىڭ خىتايدا بىر قىسىم بانكا ۋە ھاۋا يوللىرى خادىملىرىنى تەربىيەلىگەنلىكى، ئەمما ئۇيغۇر رايونىغا بىر دوللار ياكى بىر يۈەنلىكمۇ دەسمايە سالمىغانلىقى، مەزكۇر رايوندا ئۆزلىرىنىڭ ھېچقانداق بىر پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئادەتتە سەزگۈر تېمىلار ئۈستىدىكى كەسكىن سوئاللىرى بىلەن كۆپ ساندىكى كۆرۈرمەنلىرىنىڭ مايىللىقىغا ئېرىشكەن مەھدى ھەسەننىڭ بۇ قېتىمقى پروگراممىسىمۇ كۈچلۈك دىققەت قوزغىغان.