ئامېرىكا ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى 25-ئۆكتەبىر كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېنگە ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى بىلەن ئۇچرىشىشىغا بولغان ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ئۇلار خېتىدە ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن ئوچۇق دىئالوگ قۇرۇش تىرىشچانلىقىنىڭ ھېلىھەم داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىش خىزمىتىنىڭ نەزەردىن ساقىت قىلىنىشىغا سەۋەب بولماسلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى 26-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكاغا يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن بىلەن كۆرۈشىدىغانلىقى مەلۇم. بۇ زىيارەتنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يىرىكلەشكەن مۇناسىۋەتلىرىنى تەڭشەش تىرىشچانلىقىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنماقتا.
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى قاتارلىق 9 ئۇيغۇر تەشكىلاتى ئانتونىي بىلىنكېنگە يازغان ئورتاق مەكتۇبىدا مۇنداق دېگەن: «كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى بولۇپمۇ ئادالەتسىز يەرگە قولغا ئېلىنغان ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسى خىتاي كومپارتىيەسى ھاكىمىيىتى يۈرگۈزۈۋاتقان باشقا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايەتلىرى بىلەن بىرلىكتە خىتاي ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتلەرنىڭ ئالدىنقى ۋە مەركىزى تېمىسى بولۇشى كېرەك.»
ئۇلار مەكتۇپىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ جامائەت سەرخىللىرى، سەنئەتكارلىرى، ئالىملىرى، نەشرىياتچىلىرى ۋە باشقا سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى، ئامېرىكادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ئاقىۋىتىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولمايلا قالماي، ئەكسىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايى قىلمىشلىرىنى يوشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى ۋە دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن.
شۇڭا ئۇلار ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېندىن يۇقىرىدىكى مەسىلىلەرنى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشلار ۋە ھەمكارلىقلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي شەرتى قىلىپ تۇرۇپ، ۋاڭ يىدىن «جازا لاگېرلىرىنى تاقاشنى، مەجبۇرىي ئەمگەكنى توختىتىشنى ۋە مەجبۇرىي ياتاقلىق مەكتەپلەرنى تاقاشنى، بارلىق سىياسىي مەھبۇسلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىپ، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇشىغا رۇخسەت قىلىشنى تەلەپ قىلىشىنى» سورىغان.
خەۋەرلەردىن قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا 3 كۈنلۈك زىيارەتتە بولىدىغان بولۇپ، ئۇ بۇ جەرياندا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىلىنكېن ۋە دۆلەت بىخەتەرلىك مەسلىھەتچىسى جەيك سۇللىۋان بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۈستىدە سۆھبەتتە بولىدىكەن.
