ئۇيغۇر رايونى بوكس ماھىرى خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن

ئۇيغۇر رايونىنىڭ قازاق بوكس ماھىرى توختاربېك تاڭلاتقان خاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە فىلىپپىنلىق رەقىبىنى يېڭىپ، مۇسابىقىنىڭ 80 كىلوگراملىقلاردىن تۆۋەن تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن. «مۇسابىقە ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ 5-ئۆكتەبىر بەرگەن خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، توختاربېك تاڭلاتقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى بىر بوكس كۇلۇبىدا مەشىق قىلغانىكەن. ئۇ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە فىلىپپىنلىق رەقىبى يۇمىر مارسىيالنى يېڭىپ، 80 كىلوگراملىقلاردىن تۆۋەن مەزكۇر بوكس تۈرىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. خەۋەردە، توختاربېكنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسى تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان بىر ۋاقىتتا بۇ غەلىبىگە ئېرىشكەنلىكى، خىتاينىڭ مۇئامىلىسى 2022-يىلى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ بەزى دۆلەتلەر تەرىپىدىن بايقۇت قىلىنىشىغا سەۋەب بولغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە يەنە ب د ت نىڭ ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا دوكلات ئېلان قىلىپ، شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمانلارغا قارىتا «ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى» ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ بۇ دوكلاتنى رەت قىلغانلىقى تەكىتلەنگەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، توختاربېك مۇسابىقىنىڭ 1-مەيدانىدا ھۇجۇمغا ئۇچراپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى مەيدانلاردا ئۆزىنى رۇسلاپ، ئولىمپىك مىس مېدال ساھىبى بولغان يۇمىر مارسىيالدىن ئۈستۈنلۈكنى تارتىۋالغان. بۇ، ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك ماھىرلارنىڭ يېقىنقى 10 كۈن ئىچىدە بوكس ياكى ئەركىن مۇشتلىشىش تۈرلىرى بويىچە ئېرىشكەن 2-غەلىبىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن ھەپتە ئاۋسترالىيەنىڭ ئادېلايد شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ئەركىن مۇشتلىشىش مۇسابىقىسىنىڭ 66 كىلوگراملىقلار تۈرىدە ئاۋسترالىيەلىك ئۇيغۇر ماھىرى ئابدۇجېلىل مۇھەممەت چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەنىدى. «مۇسابىقە ئىچكى خەۋەرلىرى» تورىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خاڭجۇدىكى مۇسابىقىدىن كېيىن توختاربېك مۇخبىرلارغا «بۇ مېنىڭ ئۇزۇندىن بېرى يەتمەكچى بولغان ئارزۇيۇم ئىدى»، «ھازىر مەن ئارزۇيۇمنىڭ ئاستا-ئاستا ئەمەلگە ئېشىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن» دېگەن. مەلۇم بولۇشىچە، توختاربېك بۇ مۇسابىقىدە ئۇتقاندىن كېيىن، كېلەر يىلى فىرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۆتكۈزۈلىدىغان يازلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگىمۇ ئېرىشكەن.