خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ چاقىلىق ناھىيەسى «8-قېتىملىق يەر شارى ساياھەت فوندى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكى مەلۇم.
خەۋەردە دېيىلىشىچە، 13-مايدىن 15-مايغىچە خىتاينىڭ شېنجېن شەھىرىدە 2016-يىللىق «يەر شارى ساياھەت مەدەنىيەت تەرەققىيات يىغىنى» چاقىرىلغان. يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىن چاقىلىق ناھىيەسى «8-قېتىملىق يەر شارى ساياھەت فوندى مۇكاپاتى» غا ئېرىشىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە چاقىلىق ناھىيەسىنى «2016-يىللىق مەدەنىيەت ساياھەت ئىشلەپچىقىرىش تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە» دەپ بېكىتكەنلىكى مەلۇم.
چاقىلىق ناھىيەسىگە بېرىلگەن بۇ خەلقئارالىق مۇكاپات ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىي قىسىملىرى ئېغىر قۇم-بورانلىق ھاۋارايىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان بىر مەزگىلگە توغرا كەلگەن.
چاقىلىق ناھىيەسى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئەڭ چەت، قاتنىشى ئەڭ قۇلايسىز بولغان بىر ناھىيە. ھالبۇكى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاقىلىق ناھىيەسى ئۆز تەۋەلىكىدىكى «كروران خارابىسى»، «مىرەن خارابىسى» قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق قەدىمكى مەدەنىيەت ئىزلىرىنى ساياھەتچىلەرگە ئېچىش ئارقىلىق ناھىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى تېزلەتمەكچى بولغان. ئەمما كۆزەتكۈچىلەر، تارىم مەدەنىيىتىنىڭ پارلاق ئۆتمۈشى كۆمۈلۈپ ياتقان مەزكۇر ناھىيەگە زور تۈركۈمدىكى كۆچمەنلەر بىلەن ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى بۇ جاينىڭ يىلدىن-يىلغا يامانلىشىپ كېتىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارىماقتا.
