ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ خەلقئارادا كۈچلۈك نارازىلىق قوزغىشى، شۇنىڭدەك يېقىندا چاڭچۈن شەھىرىنىڭ سېكرېتارى ۋاڭ جۈنجېڭنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىشى كۆزەتكۈچىلەردە خىتاي كومپارتىيەسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كېتىشكە تەييارلىق قىلىۋاتامدۇ؟ دېگەن گۇماننى پەيدا قىلغان ئىدى. لېكىن، خوڭكوڭدىكى «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» نىڭ 24-مارت خەۋەر قىلىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چېن چۈەنگونى يۆتكەپ كېتىش پىلانى يوق ئىكەن.
خەۋەردە، ئۇيغۇر رايونىدىكى مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشنىڭ مەزكۇر باش ئىجراچىسىنىڭ داۋاملىق ۋەزىپىسىدە قالىدىغانلىقى، «بېيجىڭنىڭ خەلقئارا تەنقىدلەرگە قارىماي، چېن چۈەنگونى شىنجاڭدا ياخشى ئىش قىلىۋاتىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقى تەكىتلەنگەن.
خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ يىل 63 ياشلىق چېن چۈەنگو خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆستۈرۈش نىشانى بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ھازىرقى ۋەزىپىسىدە داۋاملىق قالىدىكەن. بېيجىڭدىكى ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بىر ئۇچۇر بەرگۈچى: «سىياسەتنىڭ يۆنىلىشى بېكىتىلىپ بولدى. شىنجاڭدا ھەممىدىن مۇھىم مەسىلە مۇقىملىقنى قوغداش، رەھبەرلىكتە بىرەر ئۆزگىرىش يۈز بېرىدىغاندەك قىلمايدۇ» دېگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016-يىلى چېن چۈەنگونى ئۇيغۇر رايونىغا يۆتكەپ، 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا قامىشى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، تىلى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى چەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك خىتايلاشتۇرۇشنى يولغا قويۇشى خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ھەپتە رايوندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويۇشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرىنىڭ ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋە مالىيە مىنىستىرىغا يازغان مەكتۇپىدا چېن چۈەنگونىڭ ئىسمى تىلغا ئېلىنغان ئىدى.
بېيجىڭدىكى «شىنجاڭ مەسىلىسى» گە ئالاقىدار يەنە بىر ئۇچۇر بەرگۈچىنىڭ «جەنۇبىي خىتاي سەھەر پوچتىسى گېزىتى» گە بىلدۈرۈشىچە، چېن چۈەنگو يولغا قويغان باستۇرۇش سىياسىتى 2014-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا شى جىنپىڭ تەرىپىدىن قارار قىلىنغان ئىكەن.
مەزكۇر ئۇچۇر بەرگۈچى «پۈتۈن يۆنىلىش بېيجىڭ تەرىپىدىن بېكىتىلدى. بۇ سىياسىي يۆنىلىشنى كونكرېت ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسى شىنجاڭدىكى رەھبەرلىككە بېرىلدى» دېگەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، شۇ قېتىمقى يىغىندا «مۇقىملىق ئاساسلىق نىشان، تەرەققىيات 2-مەسىلە» دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇ، بۇ سىياسەتنىڭ «يۇقىرى رەھبەرلىك شىنجاڭ سىياسىتىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرگىچە داۋاملىشىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتى چېن چۈەنگوغا ئېمبارگو قويسا ئۇنىڭ داۋاملىق ئۆسۈپ، خىتاي كومپارتىيەسى سىياسىي بيۇروسىنىڭ دائىمىي كومىتېتىغا كىرىشىنى قىيىنلاشتۇرىدىكەن. كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى چېن چۈەنگونىڭ ئۇيغۇر رايونىدا «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» سادىر قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنى جازالاشنى تەلەپ قىلىپ كەلدى.