چېن چۈەنگو «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» ئوقۇغۇچىلىرىدىن شەخسى غايىسىنى پارتىيە بىلەن بىرلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2021.10.29

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ سېكرېتارى چېن چۈەنگو 27-ئۆكتەبىر كۈنى «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نى كۆزدىن كەچۈرگەندە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ «شەخسى غايىسىنى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈشى» نى تەلەپ قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، چېن چۈەنگونىڭ سۆزى ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە شەخسى خاراكتېرنى يوقىتىپ، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دەۋرىدىكىدەك كوللېكتىۋىزملىقنى تەرغىب قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. چېن چۈەنگو ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى ئاخىرلىشىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ تەرتىپكە سېلىنىشىدىن كېيىنلا «شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى» نى كۆزدىن كەچۈرگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ يېڭى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قۇرۇلمىسى خىتاينىڭ بەزى غەرب دۆلەتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق»، «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» دەپ ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان «شىنجاڭدىكى ھەرىكىتى» دە ئۆزگىرىش بولمايدىغانلىقىنىڭ سىگنالى، دەپ باھا بەرگەنىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 10-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى يېپىلغان كۈنى دۇنيادىكى 43 دۆلەت ب د ت دا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينى مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشىغا يول قويۇشقا چاقىرغان.

«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چېن چۈەنگو يەنە ئالىي مەكتەپلەرنىڭ «پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنى باشقۇرۇش ئىستىراتېگىيەسىنى ئومۇمى يۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك ئەمىنلىك بەرپا قىلىش نىشانىدا چىڭ تۇرۇشى» نى تەلەپ قىلغان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى خىتايچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىك ماتېرىيالى، دەرسخانا ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېڭىسىگە كىرگۈزۈش كېرەك» ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.