چېن چۈەنگو قاتارلىقلار ئاتالمىش «ئۈچ خىل كۈچ‏» كە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى كوممۇنىستىك پارتىيە سېكرېتارى چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي كومپارتىيە كومىتېتى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا «مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ‏»، «ئۈچ خىل كۈچ‏» ۋە «ئىككى يۈزلىمىچى‏» لەرگە «قاتتىق زەربە بېرىش‏» دېگەندەك سىياسىي لوزۇنكىلىرى ئاستىدىكى ئومۇميۈزلۈك تەقىبلەش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى ئۈستى ئوچۇق تۈرمىگە ئايلاندۇرۇۋەتكەنلىكى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىن كەڭ ئورۇن ئېلىۋاتقان ھەم خەلقئارالىق ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراۋاتقاندا، 9-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن خىزمەت يىغىنى ئاچقان. پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو تەستىق ۋە كۆرسەتمە بەرگەن، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مەسئۇل سىياسىي قانۇن كومىتېت سېكرېتارى جۇ خەيلۇن، قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇئاۋىن سېكرېتار قاتارلىقلار سۆز قىلغان مەزكۇر يىغىندا ئۆتكەن بىر يىللىق زەربە بېرىش ئىشلىرى خۇلاسىلىنىپ، بۇ يىل «ئۈچ خىل كۈچلەر‏» گە قاتتىق زەربە بېرىشنى تېخىمۇ كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان.

«شىنجاڭ گېزىتى‏» نىڭ خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، يىغىن خۇلاسىسى سۈپىتىدە بۇ يىل «يۇقىرى بېسىم كۆرسىتىش‏»، «ئېغىر زەربە بېرىش‏»، «تارمار قىلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش‏»، «يوقىتىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىش‏»، «ئۈچ خىل كۈچلەرگە ھەرگىزمۇ دەم ئېلىۋېلىش پۇرسىتى بەرمەسلىك‏»، «باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش‏» دېگەندەك بىر يۈرۈش زەربە بېرىش شوئارلىرى تەكىتلەنگەن.

تېخى يېقىندىلا خىتاي كومپارتىيىسى تەرىپىدىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قايتا رەئىسلىككە تەيىنلەنگەن شۆھرەت زاكىرمۇ ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت خىزمەت نۇتقىدا كەلگۈسى بەش يىلدا «ئۈچ خىل كۈچلەر‏» گە قارشى تېخىمۇ قاتتىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلىرى خىتاي سىياسىي قانۇن دائىرىلىرىنىڭ يىغىنى ئاتالمىش «يېپىق تەربىيىلەش مەركەزلىرى‏» ۋە باشقا تەقىبلەشلىرىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ كۈچىيىشىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلماقتا.