چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى «دوستانە» مەيدانى ئۆزگەرمەكتە

خىتاينىڭ ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي كۈچكە تايىنىپ دۇنيانى كونترول قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى يېقىنقى مەزگىللەردە بەزى ئۈنۈملەرگە ئېرىشىۋاتقان بولسىمۇ يېقىندىن بۇيان بۇ جەھەتتىكى قىسمەن ئۆزگىرىشلەر باشقىچە مەنزىرىنى نامايان قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. نۆۋەتتە چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەيدانىدا ئىپادىلەنگەن بۇرۇلۇش بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم مىسال، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

«مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 13-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، چېخ جۇمھۇرىيىتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پرېزىدېنتى پېتر پاۋېل (Petr Pavel) سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەي تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن تېلېفوندا سۆھبەتلەشكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان دىپلوماتىك ئالاقە ئەندىزىسىنى بۇزۇپ تاشلىغان بۇ ھەرىكەت تېزلا ھەرقايسى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغاندىن كېيىن پېتر پاۋېل بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەمدى خىتاي ھەققىدىكى ھەرقانداق خام خىيالدىن ۋاز كېچىشى لازىم. چېخ جۇمھۇرىيىتىمۇ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىدە تۆگە قۇشتەك ھەرىكەتتە بولۇشقا خاتىمە بېرىشى كېرەك» دېگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پېتر پاۋېلنىڭ بۇ خىل پىكىرلىرى ئۇ «شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى» (NATO) ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولۇۋاتقان مەزگىللەردىلا ئوتتۇرىغا چىقىشقا باشلىغان. رۇسىيەنىڭ ئۇكرئىناغا تاجاۋۇز قىلىشى باشلانغاندىن بۇيان خىتاينىڭ روسىيەنى قوللىشى ئەۋجىگە چىققانلىقتىن بۇ ھال ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەۋقەسىدە بىر قېتىملىق چوڭ سىلكىنىشكە سەۋەب بولغان. ئۇ بۇ ھەقتە «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىگە سۆز قىلىپ « شۇنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز لازىمكى، خىتاي ھەرگىزمۇ دوست مەملىكەت ئەمەس. ئۇ غەرب دېموكراتىيەسى، شۇنىڭدەك ئۇنىڭ مەۋقە ۋە پرىنسىپلىرى بىلەن مەڭگۈ سىغىشالمايدۇ» دېگەن.

«سىياسىيون» (POLITICO) گېزىتىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، پېتر پاۋېل تەيۋەن پرېزىدېنتى سەي يىڭۋېن بىلەن مەخسۇس تېلېفون سۆھبىتىدە بولغان تۇنجى ياۋروپا دۆلىتى پرېزىدېنتى بولۇپ، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتىن ساۋاق ئېلىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. بۇ قېتىمقى تېلېفون سۆھبىتىدىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ بۇ ھەقتە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ: «بۇ قىلمىش بىزنىڭ قايتا-قايتا يوللىغان ئاگاھلاندۇرۇشلىرىمىزغا قارشى ئوتتۇرىغا چىقتى. شۇنىڭدەك ھۆكۈمىتىمىز بەلگىلىگەن قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈپ كەتتى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىگە ئۇلار ئۆزلىرى ئىگە» دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرىرەك لىتۋا ھۆكۈمىتى تەيۋەن بىلەن بولغان ئالاقىسى ئۈچۈن ئىمپورت ۋە ئېكسپورت مەسىلىسىدە خىتاينىڭ قاتتىق چەكلىمىلىرىگە دۇچ كەلگەنىدى.