خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى پاختا ئىشلەپچىقىرىشتا ئۇيغۇرلارنى زامانىۋى قۇللار ئەمگىكىگە سېلىۋاتقانلىقى كەسكىن تەنقىدلىنىۋاتقاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى تېزدىن ئۇيغۇر دىيارىنى خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ چوشقا باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇشقا يۈزلەنمەكتە.
«بلومبېرگ خەۋەرلىرى» نىڭ بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى نەچچە ئون يىللاپ زور كۆلەمدە پاختا تېرىش نەتىجىسىدە تېرىلغۇ يەرلەرنىڭ سۈپەت دەرىجىسى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان ھەمدە پاختا تالالىرىنىڭ سۈپىتىگە مۇئەييەن تەسىر يېتىشكە باشلىغان. بۇنىڭغا قوشۇلۇپ يېقىندىن بۇيان خەلقئارادا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ پاختا مەھسۇلاتلىرىنى بايقۇت قىلىش دولقۇنى كۆتۈرۈلگەنلىكتىن، ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى پاختا تېرىشكە ئىشلىتىلگەن كەڭ يەرلەرنى زور كۆلەملىك چوشقا باقمىچىلىق بازىسىغا ئايلاندۇرۇشنى قارار قىلغان. «بېيجىڭ خەۋەرلىرى» گېزىتىنىڭ مېي فامىلىلىك بىر خادىمى بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ رايوندىن چىقىدىغان پاختا ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە پايدا ئېلىپ كېلىدىغان تۈر ئىدى. ئەمدى بۇ پاختا تېرىلىپ كەلگەن جايلارنى باشقا زىرائەت تېرىشقا ئۆزگەرتىمىز، دېسەك بۇنىڭغا مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ جايدا چوشقا بېقىش ئەڭ ئاقىلانە چارە،» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە بىڭتۇەن قارمىقىدىكى بىرنەچچە ئورۇندا ئالىقاچان زور كۆلەملىك چوشقا باقمىچىلىق بازىسى قۇرۇلۇشى باشلىنىپ بولغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى نۆۋەتتە بۇ چوشقا باقمىچىلىق بازىلىرىدىن چىققان «ئەخلەت» لەرنى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىشلىتىلىپ كېلىۋاتقان خىمىيىۋى ئوغۇتنىڭ ئورنىدا ئىشلەتمەكچى بولۇۋېتىپتۇ.
«خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 16-ئاپرىلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان بىڭتۇەننىڭ 12-دىۋىزىيەسى ئۈرۈمچى ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا «مىڭ تۈمەن قۇرۇلۇشى» بويىچە ئېچىلغان چوشقا باقمىچىلىق بازىسىغا بەش مىليارد سوم (تەخمىنەن 770 مىليون ئامېرىكا دوللىرى) قىممىتىدە مەبلەغ سالغان. بۇ غايەت زور قۇرۇلۇش تاماملانغاندا بۇ جايدىكى باقمىچىلىق، قۇشخانا ۋە گۆش تەييارلاش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن سانائەت خىتاينىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۆش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشقا خىزمەت قىلىدىكەن.
ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزۈپ: «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك تەبىئىتىنىڭ تېخىمۇ يالىڭاچ ئىپادىلىنىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى چوشقا يېييشكە مەجبۇر قىلىپلا قالماستىن، ئەمدى ئۇلارنىڭ مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چوشقا باقمىچىلىقى ساھەسىگە كېڭەيتمەكچى بولۇۋاتىدۇ. تېخىمۇ مۇھىم بۇنداق زور كۆلەملىك چوشقا بازىلىرى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ مۇھىتىنى نەچچە ئەسىردىمۇ تۈگىمەس ئەخلەتلەرگە كۆمۈپ تاشلايدۇ،» دېدى.