يېقىندا غۇلجا شەھىرىدىكى بىرقىسىم مەكتەپلەردە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە كۈنىدىكى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتى بىر سائەت قىسقارتىلغان. «ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەكتەپ دائىرىلىرى ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە كۈنى چۈشتىكى نامازغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، چۈشتىن كېيىنكى دەرس باشلىنىش ۋاقتىنى سائەت 12:30 غا ئىلگىرى سۈرگەن.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەتىگەن مەكتەپكە كېلىدىغان ۋاقتىمۇ بىر سائەت ئالدىغا سۈرۈلۈپ، چۈشتىن كېيىن دەرستىن چۈشىدىغان ۋاقتىمۇ باشقا كۈنلەردىكىدىن بىر سائەت بۇرۇن قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇندىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرىلا ئوقۇغۇچى - ئوقۇغۇچى،ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرىنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىشىنى چەكلىگەن بولۇپ، باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ھەرقايسى مەسچىتلەرگە كۆزەتچى قويۇلۇپ،مەسچىتكە ناماز ئوقۇشقا كىرگەنلەر نازارەت قىلىنغان. جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر، ئاتۇش،خوتەن قاتارلىق جايلىرىدىكى زور كۆپچىلىك مەكتەپلەردە جۈمە كۈنىدىكى چۈشلۈك دەم ئېلىش ۋاقتىنى قىسقارتىش خېلى بۇرۇنلا باشلانغان. دائىرىلەر بۇنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىكەنلىگىنى ئوقۇغۇچىلارغا ئۇقتۇرغان.