دېرىن بايلېرنىڭ «تېررورلۇق كاپىتالىزمى: ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شەھىرىدە مۈلۈكسىز قېلىشى ۋە ئەركەكلىك» ناملىق كىتابى نەشردىن چاققان

ئامېرىكالىق ئۇيغۇرشۇناش، سايمېن فرېيزېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ياردەمچى پروفېسسورى دېرىن بايلېرنىڭ «تېررورلۇق كاپىتالىزمى: ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شەھىرىدە مۈلۈكسىز قېلىشى ۋە ئەركەكلىك» ناملىق كىتابى ئامېرىكانىڭ دۈك ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.

مەلۇم بولۇشىچە، داررېن بايلېر كىتابىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قانداق قىلىپ ھازىرقى زامان مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇرغانلىقىنى نەزىرىيەلەشتۈرگەن. ئۇ، خىتاينىڭ بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئاتالمىش «قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرى» دا تۇتۇپ تۇرۇشى، ئۇنىڭ ئۇيغۇر زېمىنىدىكى بايلىقنى قېزىش جەريانىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى «تېررورلۇق كاپىتالىزمى» دەپ كۆرسەتكەن.

ئۇ يەنە ئۈرۈمچىدە نەق مەيدان ئېتنوگرافىيەلىك تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىپ، دۆلەتنىڭ «خىتاي» مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنى يولغا قويۇشى ۋە خىتاي كۆچمەنلەر ئېقىمىنىڭ ئۇيغۇرلارنى مۈلۈكسىز قالدۇرۇشى ۋە شەھەردىن قوغلاپ چىقىرىشىغا قانداق تۆھپە قوشقانلىقلىرىنى يورۇتۇپ بەرگەن. دېرىن بايلېر كىتابىدا يەنە دۆلەت زوراۋانلىقىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بولغان ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ كەچۈرمىشلىرىگە، ئۇلارنىڭ جىنسىي، ئېتنىك ۋە ئىقتىسادىي زوراۋانلىقتىن ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ئەركەكلىك ۋە دوستلۇقنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرىدىغانلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان.

شۇنداقلا يەنە ئۇيغۇرلارنى مۇستەملىكە قىلىشنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئىزلىرىنى تەكشۈرۈپ، خىتاي دۆلەت كاپىتالىزمىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا مۇستەملىكىچىلىك بىلەن مۇستەملىكە مۇناسىۋىتى بەرپا قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇنىڭ «تېررورلۇق كاپىتالىزمى: ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي شەھىرىدە مۈلۈكسىز قېلىشى ۋە ئەركەكلىك» ناملىق بۇ كىتابى بۇ يىل 12-ئايدا رەسمىي تارقىتىلىدىكەن.