ئەنگلىيەنىڭ يېڭىدىن سايلانغان تاشقى ئىشلار ۋەزىرى دېيۋىد لامىي (David Lammy) 2023-يىلىدىكى سايلام جەريانىدا «ئەمگەك پارتىيەسى سايلامدا ئۇتۇپ چىقسا، بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىشىنى كەسكىن تەنقىدلەيمىز» دېگەن ئىدى. يېقىندا ئەنگلىيەدىكى «تېلېگراف» گېزىتى ئۇلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، «سايلامدا ئۇتۇپ چىقتىڭلار. ئەمدى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ھەققىدە سۆز قىلامسىلەر؟» دەپ سورىغاندا، دېيۋىد لامىينىڭ ۋەزىرلىك ئىشخانىسى «بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە ‹زۇلۇم بولۇۋاتىدۇ› دېگەن ئىبارىنى قوللىنىمىز» دېگەن.
تېخىمۇ قىزىقارلىق بولغىنى شۇكى، سابىق باش ۋەزىر رىشى سۇناك (Rishi Sunak) سايلام مەزگىلىدە، «بىز سايلامدا ئۇتۇپ چىقساق، خىتاينىڭ ئەنگلىيە ئۈچۈن تەھدىت بولۇۋاتقانلىقىنى جاكارلايمىز» دېگەن. ھالبۇكى، 2024-يىلى ئىيۇلدا ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان باش ۋەزىر كېير ستارمېر (Keir Starmer) ئۆزلىرىنىڭ خىتاي بىلەن «قويۇق ۋە كۈچلۈك» ئالاقىدە بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى ھەققىدىمۇ سۆز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېيۋىد لامىينىڭ ۋەزىرلىك ئىشخانىسىمۇ ئۆزلىرىنىڭ مەيدانىنى ئىپادىلەپ، «بىز داۋاملىق شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ياخشىلاش ھەمدە ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىشنى توختىتىش مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشنىڭ ئاۋانگارتلىرى بولىمىز» دېگەن.
ئەنگلىيە سىياسىي سەھنىسىدىكى بۇ خىل ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىش قىلمىشى ھەر ساھەنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىنى قوزغىغان. ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ سابىق رەھبەرلىرىدىن ئيان دۇنكان سىمىس (Sir Iain Duncan Smit) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، «بۇ قىپقىزىل ساراڭلىق بولۇپلا قالماي، بەلكى يەنە بىر تۈرلۈك خېمىغا يېنىۋېلىشتۇر. بۇ بەكمۇ خەتەرلىك» دېگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يىللىق سودا مىقدارى 86 مىليارد فوند-ستېرلىڭدىن ئاشىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئىككى تەرەپ سودا ئالاقىسىدە چېكىنىش كۆرۈلۈۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇڭا ئەنگلىيەنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىش قىلمىشى نۆۋەتتە مۇشۇ خىل چېكىنىشنى ياخشىلاش ئۇرۇنۇشىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارالماقتا.