خىتاينىڭ دېڭىزدىكى «تەۋەلىك داۋاسى» مەسخىرە قىلىنماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.04.30

خىتاي ھۆكۈمىتى خېلىدىن بۇيان جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەلىكىنىڭ خىتايغا تەۋەلىكى ھەققىدە داۋا قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدى.

مەزكۇر ئەھۋال خەلقئارادا كۆپلىگەن نارازىلىقلارنى پەيدا قىلىۋاتقاندا خىتاي ئالىملىرى 1951-يىلى بېسىلغان خىتاي خەرىتىسىدە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى «ئوچۇق بايان قىلىنغانلىقى» نى كۆتۈرۈپ چىققان.

«ھىندىستان ۋاقتى» گېزىتىنىڭ تورىدا 30-ئاپرېل ئېلان قىلىنغان بۇ ھەقتىكى ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1951-يىلى نەشر قىلىنغان خىتاي خەرىتىسىدە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى تەۋەلىكىنىڭ چېگراسى ئۈزۈك سىزىق ئارقىلىق ئەمەس، بەلكى پۈتۈن سىزىق شەكلىدە ئاجرىتىلغان ھەمدە ئۇنى خىتاي تېررىتورىيەسىنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىغان. بۇ رايونلار بولسا دەل نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتى «بىزنىڭ تەۋەلىكىمىز» دەپ جاكارلاۋاتقان دائىرىنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ ھەقتىكى ئارخىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىگە قاتناشقان خىتاي ئالىملىرى «دېڭىز چېگراسىدا ئۈزۈك سىزىق ئەمەس، بەلكى پۈتۈن سىزىق ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى بۇ رايوننىڭ خىتاي تېررىتورىيەسى ئىكەنلىكىنىڭ جانلىق ئىسپاتى،» دېگەن.

ماقالىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي ئالىملىرىنىڭ مەزكۇر «بايقىشى» نى ھۆكۈمەت تەرەپ ئەمەس، بەلكى شەخسلەر باشقۇرۇشىدىكى بىر نەشرىيات كىتاب شەكلىدە نەشر قىلغان. ئەمما خىتايدەك ھەممىلا جايغا يېيىلغان «نەشرىيات سۈزگۈچى» مەۋجۇت مۇھىتتا بۇنداق زور ۋە نازۇك مەسىلىنى بىرەر شەخسنىڭ تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقىرىشى ئەجەبلىنەرلىك ئىش ئىكەن. يەنە كېلىپ، ماقالە ئاپتورلىرى بۇ «كونا خەرىتە» نىڭ قانداق بايقالغانلىقىنى سورىغاندا خىتاي ئالىملىرى بۇنىڭغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

ماقالىدا ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئەسىردىن باشلاپلا جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا زېمىن داۋاسى قىلىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، تېخى يېقىندىلا بۇ جايدا سۈنئىي ئاراللارنى بەرپا قىلىپ چىققان. يەنە كېلىپ 2014-يىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركېل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا تەقدىم قىلغان خەرىتىنى 1735-يىلى ياۋروپالىق جۇغراپىيە ئالىملىرى سىزىپ چىققان بولۇپ، بۇ خەرىتىدە ھازىرقى تىبەت، ئۇيغۇر دىيارى، موڭغۇلىيە ياكى مانجۇرىيە قاتارلىق جايلار يوق ئىكەن.

بۇ جايلارنىڭ ھەممىسى كېيىنكى ۋاقىتلاردا خىتاينىڭ زېمىن كېڭەيتىشى ئارقىسىدا خىتاي تېررىتورىيەسىگە قوشۇلغان ئىكەن. ئاپتورلار مۇشۇ ئەھۋاللارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، «بۇنداق بىر يېڭى خەرىتىنىڭ ‹بايقىلىشى› بەكمۇ گۇمانلىق. بۇ خىتاينىڭ زېمىن كېڭەيمىچىلىكى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك،» دەپ خۇلاسە چىقارغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.