خىتاي دائىرىلىرى قاغىلىق ناھىيىسىدە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش تەشۋىقات خىزمىتىنى باشلىدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.02.28

خىتاي مىللەتلەر ۋە دىن خىزمىتى تور بېتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قاغىلىق ناھىيىلىك ھۆكۈمەت يېقىندىن بۇيان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش خىزمەت پىلانى» ۋە تەشۋىقات تەربىيە خىزمىتىنى ناھىيە مىقياسى بويىچە كەڭ قانات يايدۇرۇپ، ناھىيىدىكى ھەر قاتلام، ھەر ساھەدىكى ئالاھازەل 5000 كىشىنى مەخسۇس قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا ئورۇنلاشتۇرغان.

قاغىلىق ناھىيىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل دىننى چەكلەش سىياسىتى ئەڭ كۈچلۈك يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئورۇنلارنىڭ بىرى. ئۆتكەن يىل 2-ئاينىڭ 28-كۈنى قاغىلىقتا پىچاقلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، خىتايلاردىن 15 كىشى ئۆلگەن ۋە ئۇيغۇرلاردىن 7 نەپەر ھۇجۇمچى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلانغان ئىدى. كېيىن يەنە 1-ئۆكتەبىر كۈنى ھەربىي گازارمىغا موتسىكلىت بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئوخشاش بىر قاتار زەنجىرسىمان ۋەقەلەر مەيدانغا كەلگەن.

خىتاي دائىرىلىرى شۇندىن كېيىن بۇ ناھىيىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى چىڭىتىش بىلەن بىرلىكتە، ناھىيىدە ئومۇميۈزلۈك ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرىكىتى، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى، مەدەنىيەتلىك، بەختلىك قاغىلىقلاردىن بولۇش دېگەندەك ھەرىكەتلەر ئارقىلىق ناھىيىنىڭ ۋەزىيىتىنى كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. ئەمما چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىل كونترول قىلىش ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نارازىلىقىنى ئاشۇرۇپ، ۋەزىيەتنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.