كۇچا ناھىيىسىدە دىنىي زاتلار خىتاي كوممۇنىستلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە مەجبۇرلانغان

دائىرىلەرنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېزا، كەنتلەردىكى بىر تۈركۈم ھۆكۈمەتكە سادىق دىنىي زاتلارنى تاللاپ، مەسچىتلەردىكى خىزمەتلىرى ئۈچۈن، مائاش بېكىتىش، تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىش قاتارلىق يوللار بىلەن ئۇلارغا «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار»، «بەشتە ياخشى مويسىپىتلار» دېگەندەك ناملارنى بېرىپ، ئۇلارغا قارىتا كوممۇنىست ھۆكۈمەت تەشۋىقاتلىرىنى كۈچەيتىپ، ئۇلار ئارقىلىق ناھىيە، يېزىلاردىكى ئۇيغۇرلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەر-ئۇچۇرلار، خىتاي ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ 16-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، كۇچا ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدىن خانىقاتام يېزا نوباشلام كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى 15-ئاۋغۇست كەنتتىكى كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى ۋە ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلارنى تەشكىللەپ، ناھىيەدىكى خىتاي كوممۇنىستلىرىدىن لىن جىلۇ خاتىرە سارىيى، سۇ بېشى بۇددا ئىبادەت خارابىسى، تەنتەربىيە سارىيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇپ، ئۇلارغا خىتاي كوممۇنىستلىرىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي تارىخى، مەدەنىيىتى تەربىيىسى ئېلىپ بارغان.

خىتاينىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە بۇ خىل پائالىيەتلەر «يېزىلاردىكى دىنىي زاتلارنى مەدەنىي يادىكارلىقلار ۋە يېڭىلىقلاردىن خەۋەردار قىلىش» دەپ تەرىپلىنىپ، بۇ، ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان ساداقىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تەكىتلەۋاتقان مەدەنىي يېڭىلىقلارنى قوبۇل قىلىشى دەپ مەدھىيىلەنگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇنى تەنقىدلەپ، «ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىكى دىنىي ئۆلىمالارغا كومپارتىيە تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەت-تەشۋىقاتلىرىنى ئاۋام ئۇيغۇرلارغا يەتكۈزۈشكە مەجبۇرلاش ئارقىلىق بىر بۆلۈم دىنىي زاتلارنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئىناۋىتىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنۇش قىلمىشى» دەپ تەنقىدلىمەكتە.