دىسنېي شىركىتى پىكىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولغان

ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئويۇن-تاماشا باغچىسى بولغان دىسنېي شىركىتىنىڭ مەسئۇللىرى پىكىرىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولغان. «ۋاشىنگتون ئەركىن ماياكى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر گېزىت يېقىندا دىسنېي شىركىتى مەسئۇللىرىنىڭ ئۇيغۇر شاھىتلىرى بىلەن كۆرۈشۈشتىن يېنىۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، شىركەت مەسئۇللىرى پىكىرىنى قايتا ئۆزگەرتكەن. دىسنېي شىركىتى بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكسقا خەت يېزىپ: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بىزنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىمىز ئۇلار بىلەن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى ئورۇنلاشتۇرىمىز» دەپ كۆرسەتكەن.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكس، بۇ يىل 5-ئايدا دىسنېي شىركىتىگە خەت يېزىپ، بۇ شىركەتتىن خىتاي كومپارتىيەسى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم سېلىۋاتقان بىر رايوندا فىلىم ئىشلىشىدىن بىئارام بولغان ئۇيغۇرلار، ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرى ۋە پائالىيەتچىلەر بىلەن كۆرۈشۈشتىن قاچقانلىقىغا چۈشەنچە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. «ۋاشىنگتون ئەركىن ماياكى» گېزىتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، دىسنېي شىركىتى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان بىر ۋاقىتتا پىكىرىنى ئۆزگەرتكەن. جىم بانكس ۋە ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كومىتېتىدىكى باشقا ئەزالار نايكې، ئادىداس قاتارلىق داڭلىق شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقى بىلەن بولغان ئالاقىسىگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلىغانىدى.

«ۋاشىنگتون ئەركىن ماياكى» گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئاۋام پالاتا ئەزاسى جىم بانكس دىسنېي شىركىتىنىڭ ئىنكاسىدىن ئىلھاملانغانلىقى بىلدۈرۈپ: «لېكىن بۇنىڭ دىسنېي ئۈچۈن «بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولىدىغان بولمايدىغانلىقىنى كۆرىمىز» دېگەن.

دىسنېي شىركىتى 2020-يىلى خىتاينىڭ قەدىمكى «مۇلەن» رىۋايىتى ئاساسىدا يېزىلغان كىنو سېنارىيەسىنى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئۇيغۇر رايونىدا سۈرەتكە ئېلىپ قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىغان. تۇرپاندىكى كىنو سۈرەتكە ئېلىنغان جايدا بىر جازا لاگېرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولغانىدى.