ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جوش خوۋلېي دىسنېي شىركىتىنىڭ «مۇلەن» ناملىق فىلىم كۆرۈنۈشلىرىنى جازا لاگېرلىرى مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇر ئېلىدە سۈرەتكە ئالغانلىقىنى تەنقىد قىلدى.
ئۇ دىسنېي شىركىتىگە بۇ ھەقتە رەسمىي مەكتۇپ يوللاپ، ئۇلارنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ لاگېرلارغا قامىلىپ قىرغىنچىلىققا ئۇچرىشىدا بىۋاسىتە رول ئوينىغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ۋە تۇرپان شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرىغا ۋە شۇنداقلا بۇ لاگېرلار ھەققىدە يالغان تەشۋىقات تارقىتىش بىلەن شۇغۇللانغان خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ تەشۋىقات ئورگانلىرىغا رەھمەت ئېيتىشىنى «جىنايەتنى ئاقلىغانلىق» دېگەن.
سېناتور جوش خوۋلىي مەكتۇپىدا «دىسنى شىركىتى 2018-يىلى 8-ئايدا ‹مۇلەن› فىلىمىنى ئىشلەشكە باشلىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مۇستەقىل ئورگانلار تەرىپىدىن ئاللىقاچان جەزىملەشتۈرۈلگەن. بىراق دىسنېي شىركىتى بۇ ھەقىقەتنى كۆرمەسكە سېلىپ، فىلىمنى ئىشلەشنى داۋاملاشتۇردى،» دېگەن.
ئۇ مەكتۇبىنىڭ ئاخىرىدا دىسنېي شىركىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم فىلىم كۆرۈنۈشلىرىنى ئۇيغۇر ئېلىدە تارتىشنى قارار قىلغانلىقى، ئۇ يەردىكى جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنى ۋە باشقا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ بۇ فىلىمگە قانداق ياردەمدە بولغانلىقى، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھېلىھەم ئالاقە بار-يوقلۇقى قاتارلىق 9 خىل سوئالغا جاۋاب بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سوئاللار ئىچىدە يەنە «دىسنېي شىركىتى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئىنسان ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى قوبۇل قىلامدۇ؟ دىسنېي شىركىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمنى ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئورگانلارنى ئاقلاش رولىنى ئۆتەۋاتقان ‹مۇلەن› فىلىمىنى قويۇشنى توختىتامدۇ-يوق؟ بۇ فىلىمدىن ھازىرغىچە كىرگەن كىرىمنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى زۇلۇمغا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقان مۇستەقىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا ئىئانە قىلامدۇ؟» دېگەنلەرمۇ بار.
