«20 دۆلەت باشلىقلىرى» ئۇيغۇر دىيارىغا چېتىشلىق ئىمپورتنى چەكلەشكە چاقىرىلدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2021.10.19

ئۆكتەبىر ئېيىنىڭ ئاخىرىدا رىم شەھىرىدە ئېچىلماقچى بولغان «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» ھارپىسىدا غەيرىي ھۆكۈمەت تەشكىلاتلىرىنىڭ بىرلەشمىسى بولغان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» 19-ئۆكتەبىر كۈنى مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا ئۇلار دۇنيا رەھبەرلىرىنى ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنى چەكلەش، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇيغۇر دىيارىغا باغلىنىشلىق بولغان ئىمپورت پائالىيەتلىرىنى مەنئى قىلىشقا دەۋەت قىلدى.

مەزكۇر بىرلەشمىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا كۆرسىتىلىىشچە، بۇ قېتىمقى «20 دۆلەت باشلىقلىرى يىغىنى» ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت ۋە يەر شارىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسى ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىشنى باش تېما قىلغانىكەن. باياناتتا مۇشۇ نۇقتا ئالاھىدە تەكىتلىنىپ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ نۆۋەتتە غەرب دۇنياسى ئىمپورت قىلىۋاتقان قۇياش ئېنېرگىيە تاختىسى، پاختا مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارغا بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ھۆججەتلەشكەن دەلىل-ئىسپاتلىرىنىڭ ئاللىقاچان يېتەرلىك ھازىرلانغانلىقى، بۇنداق ئەھۋالدا دۇنياۋى پاكىز ئېنېرگىيەنىڭ ۋۇجۇدقا كېلىشىگە «داغ» چۈشۈرۈۋاتقان ئىمپورت سودىسىنى چەكلەشنىڭ مۇھىملىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» خىتاي بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئۆتكەندە ‹يەتتە دۆلەت گۇرۇھى› مەجبۇرىي ئەمگەككە باغلىنىشلىق تەمىنلەش زەنجىرىنى مەنئى قىلىش ھەققىدە كۈچلۈك قارار ئالدى. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇقنى ھەقىقىي يوسۇندا ئەمەلگە ئاشۇرغانغا قەدەر ھۆكۈمەتلەر بۇ خىل مەھسۇلاتلارنى مەنئى قىلىش ھەققىدە ئەمەلى ھەرىكەت قوللىنىشى لازىم» دېگەن.

ئۇلار ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشنى چەكلەش قارارىنى ئالقىشلاش بىلەن بىرگە بۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىغىمۇ تەتبىقلىنىشى لازىملىقىنى، بۇ خىل مەھسۇلاتلارنىڭ ياۋروپا بازىرىدا سېتىلماسلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە ئەمىلى بولغان تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسەتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە خاتىمە بېرىش بىرلەشمىسى» پۇقراۋىي تەشكىلاتلارنىڭ بىرلەشمىسى بولۇپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، «ئەمگەكچىلەر ھەقلىرى جەمئىيىتى»، «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» قاتارلىق نەچچە ئونلىغان تەشكىلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.