ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى(NBA) توپچىلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق خىتاي شىركەتلىرى بىلەن توختاملاشماسلىققا چاقىرغان

ئامېرىكا كېڭەش پالاتا ئەزاسى جېف مېركلى، ئاۋام پالاتا ئەزاسى ۋە دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى جەمېس مەكگوۋېرن قاتارلىقلار دۆلەتلىك ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى (NBPA) رەئىسى كرىس پائۇل بىلەن ئىجرائىيە دىرېكتورى مىشېل روبېرتىسقا مەكتۇپ يوللاپ، NBA توپچىلىرىنىڭ خىتاينىڭ كىيىم-كېچەك شىركىتى ئانتا (Anta)، لى نىڭ، پېك (Peak) بىلەن توختام تۈزگەنلىكىنى، مەزكۇر شىركەتلەرنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە بىرلەشمە رەئىسىگە چاقىرىق قىلىپ، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى نەزەردە تۇتۇپ، NBA توپچىلىرىنىڭ يۇقىرىقى شىركەتلەر بىلەن توختام تۈزمەسلىكىگە ۋە تۈزگەن توختامنى بىكار قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

مەكتۇبتا مۇنداق دېيىلگەن: «بىز ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرىنىڭ شىنجاڭدا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈشىنى، شۇ مەھسۇلاتلارنى ئېتىراپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشتا مەجبۇرىي ئەمگەكتىن پايدىلىنىۋاتقان شىركەتلەر ئۈچۈن مۇھىم رول ئويناۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىشىنى سورايمىز. بۇ تىرىشچانلىقىمىزنىڭ مېۋە بېرىشىنى، ۋاسكېتبولچىلارنىڭ ئانتا، لى نىڭ، پېك قاتارلىق شىركەتلەر بىلەن تۈزگەن توختامدىن پايدىلىنىپ، بۇ شىركەتلەرنى شىنجاڭ پاختىسى ئىشلەتمەسلىككە چاقىرىشىنى، ئەگەر بۇنىڭدىن نەتىجە ئالالمىسا ئۇ شىركەتلەرنىڭ ۋاكالەتچىسى بولۇش توختامىنى بىكار قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. مەجبۇرىي ئەمگەك ئامېرىكىنىڭ قىممەت قارىشىغا ھەم ئامېرىكا قانۇنىغا ئۇيغۇن ئەمەس. NBA توپچىلىرى پۇقراۋى ئەلچىلەر بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە مەستانىلىرى بار. بىز ئۇلارنىڭ بىرەر مەھسۇلاتقا ۋەكىل بولۇشنى قارار قىلىشىدا ئامېرىكا ۋاسكېتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ قىممەت قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

بۇ مەكتۇپتا يەنە، 10 نەچچە نەپەر NBA ۋاسكىتبولچىسىنىڭ يۇقىرىقى شىركەتلەر بىلەن ئوبراز ۋەكىلى بولۇش كېلىشىمى تۈزگەنلىكى، بىرەيلەننىڭ يەنە ئانتا شىركىتى بىلەن داۋاملىق توختام تۈزگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ھەمدە ئۇلارنىڭ خىتايدىكى بۇ قورقۇنچلۇق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە شېرىك بولماسلىقى كېرەكلىكى ئاگاھلاندۇرۇلغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئامېرىكادىكى ئەلچىخانىسى بۇ مەكتۇپقا تېخى ئىنكاس بىلدۈرمىگەن.