خىتاي «ئىنتېرپول» نىڭ دولقۇن ئەيسانى تىزىملىكتىن چىقىرىۋېتىشىدىن نارازى بولدى
2018.02.25
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتى «ئىنتېرپول» نىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسمىنى قىزىل ئۇقتۇرۇش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىشىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە، يەنى 24-فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئىنتېرپولنىڭ دولقۇن ئەيسانى قىزىل ئۇقتۇرۇش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋەتكەنلىكىگە قارىتا: «خىتاي ئىنتېرپولغا دولقۇن ئەيسانى قىزىل ئۇقتۇرۇشتىن چىقىرىۋەتكەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرىدۇ، دولقۇن ئەيسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلگەن تېررورچى» دېگەن شۇنىڭدەك يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «بۇ مەسىلىدە ئىنتېرپول بىلەن داۋاملىق ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقى» نى بىلدۈرگەن.
2006-يىلىدىن بۇيان گېرمانىيە پۇقرالىقىدىكى دولقۇن ئەيسا، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «تېررورلۇق تىزىملىكى» گە ۋە خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى خەلقئارالىق يىغىنلارغا قاتنىشىشى ۋە زىيارەتلىرى توسقۇنلۇق ھەم ئاۋارىچىلىكلەرگە ئۇچرىغانىدى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى «ئىنتېرپول» ۋە ئۇنىڭ قىزىل ئۇقتۇرۇش تىزىملىكىنى تەنقىدلەپ، خىتاينىڭ ئىنتېرپولنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا، ئۇيغۇر سىياسىي رەھبەرلىرىگە زەربە بېرىشىگە يول قويماسلىقىنى تەلەپ قىلغانىدى.
رويتېرسنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، 23-فېۋرال كۈنى، ئەنگلىيەدىكى «ئادىل سوتلىنىش» ناملىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خەلقئارا ساقچى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى جاگو رۇسسېل دولقۇن ئەيسانىڭ ئىسمىنىڭ تىزىملىكتىن چىقىرىپ تاشلانغانلىقىنى دەلىللىگەن ئىدى.