«ئاسىيا ۋاقتى» قاتارلىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيەدىكى ھىندىستان ئەلچىخانىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيساغا ھىندىستانغا بېرىشقا لازىملىق ساياھەت ۋىزىسى بەرگەندىن كېيىن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ ھىندىستاندىكى PTI ئاگېنتلىقىغا يوللىغان يازما جاۋابىدا دولقۇن ئەيسانىڭ بۇ يىل 28-ئاپرېل كۈنى ھىندىستاننىڭ دارامسالا شەھىرىدە ئېچىلىدىغان خەلقئارالىق يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ھىندىستانغا بارىدىغانلىقىنى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ «خەلقئارا ساقچى قىزىل رەڭلىك تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بىر تېررورچىغا ساياھەت ۋىزىسى بەرگەنلىكىدىن ھەيران بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، دولقۇنغا ئوخشاش «تېررورچى» لار ئادالەت قانۇنىنىڭ جازاسىغا تارتىلىشى لازىم ئىكەن.
ھىندىستاندىكى ۋەزىيەت كۆزەتكۈچىلىرى، ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيساغا ۋىزا بېرىشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىدە مەۋلانە مەسئۇد ئەزھەرنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشكە قارشى تۇرغانلىقىغا بېرىلگەن جاۋاب دەپ قارىماقتا. چۈنكى ھىندىستان ھۆكۈمىتى «جەيىش مۇھەممەد» تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى دەپ قاراۋاتقان مەسئۇد ئەزھەرنى خىتاي ئىزچىل ھالدا ئاقلاپ كېلىۋاتقان ئىدى.
