خىتاي دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستان ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدا قولى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى


خىتاي دائىرىلىرى مەشھۇر ئۇيغۇر پائالىيەتچى دولقۇن ئەيسانىڭ ھىندىستانغا كىرىش ۋىزىسىنىڭ بىكار قىلىنىشىدا قولى بارلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندىلەر 28 - ئاپرېل ھىندىستاننىڭ دارامسالادا رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان «خىتايدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە دىنىي گۇرۇھلارنىڭ ئۆز - ئارا دىئالوگى» ناملىق خەلقئارا يىغىنغا تەكلىپ قىلىنغان.

لېكىن، ھىندىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى شەنبە كۈنى دولقۇن ئەيسا ۋىزىسىنى ئەتكەس قىلغان ئىدى.

26 - ئاپرېل مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا دۇچ كەلگەن خىتاي باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ «ھىندىستان ھۆكۈمىتىنىڭ دولقۇن ئەيساغا ۋىزا بەرگەنلىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مۇناسىۋەتلىك دىپلوماتىك قاناللار ئارقىلىق ھىندىستانغا ئېتىراز بىلدۈرگەن» لىكىنى ئېتىراپ قىلدى.

دولقۇن ئەيسانى «تېررورچى» دەپ ئاتىغان خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: «دولقۇن ئەيسا خەلقئارا ساقچىغا مەلۇم قىلىنغان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان تېررورچى، بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىش مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىپىسى. نۆۋەتتە خىتاي - ھىندىستان مۇناسىۋىتى ياخشى ۋەزىيەتتە، ھەر ئىككى دۆلەت ئۆز - ئارا كۆڭۈل بۆلۈپ، مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى ئوبدان ھەل قىلىۋاتىدۇ.»

«نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستاننىڭ دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋازىنى بىكار قىلغانلىقى ھىندىستاندىكى سىياسىي ئەرباب ئۆمەر ئابدۇللاھ ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمى دىرېكتورى سوفىي رېچاردسونلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، سوفىي رېچاردسون دۆلەتلەرنى بەزى قارارلاردا خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئېگىشنىڭ ئاقىۋىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان.

بىر قىسىم دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ كىم بىلەن كۆرۈشۈش، كىمنىڭ ئۆز دۆلىتىگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتاينىڭ ئارىلىشىشىغا بارغانچە يول قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن سوفىي رېچاردسون مۇنداق دېگەن: «ئۇلار يەنە قانداق مەسىلىلەردە بېيجىڭغا باش ئېگىۋاتىدۇ، ئۇلار بۇنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلمامدىغاندۇ؟ دەپ ئويلىماي تۇرالمايمىز.»

ھىندىستان ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك دولقۇن ئەيساغا بېرىلگەن ۋىزىنى بىكار قىلغاندىن كېيىن دولقۇن ئەيسا بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندىستاننىڭ مەزكۇر قارارىدىن ئەپسۇسلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.