ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دورا سىناقلىرى غۇلغۇلا قوزغىماقتا

ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئەزىز تەييارلىدى
2024.08.21

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 20-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى پارتىيەدىن بولغان بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى دورا سىناقلىرىغا يېقىندىن نەزەر سېلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى قارمىقىدىكى «ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى» نىڭ رەئىسلىرىدىن جون مۇلىنار (John Moolenaar) ۋە راجا كرىشنامورتى (Raja Krishnamoorthi) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنىڭ يېڭىدىن ئىشلەپچىقارغان دورىلارنى سىناق قىلىشتا خىتايدىكى ھەربىي دوختۇرخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل سىناقنىڭ ئەڭ مۇھىم بازىلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر ئېلى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىر گۇرۇپپا پالاتا ئەزالىرىنىڭ كوللېكتىپ ئىمزاسىدا ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FDA)نىڭ باشلىقى روبېرت كالىف (Robert Califf)قا يوللانغان مەكتۇپتا، «تارىخ جەھەتتىن داۋام قىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە تېببىي ساھەدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان مىللىي كەمسىتىش ھادىسىسى تۈپەيلىدىن شىنجاڭدىكى تېببىي سىناقلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمىگە رىئايە قىلىۋاتقان ياكى قىلمايۋاتقانلىقى غايەت زور ئەندىشە قوزغىماقتا» دېيىلگەن.

مەزكۇر كومىتېتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا بۇ ھەقتە مۇنداق دېيىلگەن: «ئامېرىكا دورا شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى خىتاي ئارمىيەسىگە مەنسۇپ دوختۇرخانىلاردا دورا سىناقلىرىنى داۋام قىلدۇرۇشى بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا. بۇ رايوندا ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۆتكەن ئون يىلدا ئامېرىكا دورا شىركەتلىرى بۇ جايدا نەچچە يۈز خىل يېڭى دورىنى سىناق قىلغان.»

مەكتۇپتا ئېيتىلىشىچە، تاجسىمان ۋىرۇسى (كوۋىد)نى داۋالاشقا دائىر بىر قاتار دورىلارمۇ ئالدىنقى يىللاردا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە سىناق قىلىنغان بولۇپ، بۇ خىلدىكى «نامەلۇم دورىلارنى يېيىشكە مەجبۇرلىنىش» نىڭ مەۋجۇتلۇقى لاگېر شاھىتلىرىنىڭ گۇۋاھلىق بايانلىرىدىنمۇ كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.