دۇنيا بانكاسىنىڭ باشلىقى داۋىد مالپاس (David Malpas) تەمىنلەش زەنجىرلىرىدە خىتايغىلا باغلىنىپ قالماي، ئۇنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ھەممە ئادەمگە پايدىلىق، دېگەن.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۇنيا بانكاسىنىڭ باشلىقى داۋىد مالپاس 12- ئاپرىل كۈنى ۋارشاۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر يىغىندا سۆز قىلىپ، تەمىنلەش زەنجىرلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغاندا يۇقىرىقى سۆزنى قىلغان. ئۇ يەنە «ھازىر ھەرقايسى دۆلەتلەر تەمىنلەش زەنجىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشىنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ،» دېگەن.
مالپاس ئەپەندى يەنە دۆلەتلەر ئارا چېگرا ھالقىغان سودىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىدا يەنىلا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭمۇ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەم ئىستېمالچى ۋە تاۋار ئىشلەپچىقارغۇچى سۈپىتىدە مۇھىم رول ئويناشنى داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاينىڭمۇ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ: «خىتايمۇ يەر شارى سودا سىستېمىسىدىكى باشقا دۆلەتلەر ئورتاق بەھرىلىنىدىغان قىممەت سىستېمىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك، بىراق مەن بۇنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيمەن،» دېگەن.
مالپاس يەنە يىغىندا خىتاينىڭ COVID-19 ۋىرۇسى تۈپەيلى قامال قىلىش ۋە قەرز مەسىلىسى سەۋەبلىك كرىزىسقا دۇچ كەلگەن-كەلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ: «ئۇلار زىيانغا ئۇچرىدى، ھەر قايسى ساھەلەردە چوڭ ئوڭۇشسىزلىقلار بولدى، مۆلچەرلەنگەن تەرەققىيات زورىيىشىنىڭ مىقدارى تۆۋەنلىدى،» دېگەن.
تەمىنلەش زەنجىرلىرىنى خىتايدىن يۆتكەش مەسىلىسى كورونا ۋىرۇسى يۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئالاھىدە دىققەت قوزغايدىغان مەسىلىگە ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى بۇ مەسىلىگە دىققەت قىلىپ، تەمىنلەش زەنجىرلىرى مەسىلىسىدە خىتايغا قاراشلىق بولۇپ قېلىشتەك ۋەزىيەتكە خاتىمە بېرىش، خىتاينىڭ ئىقتىسادنى قالقان قىلىپ يۈرگۈزىۋاتقان زومىگەرلىكىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىمەكتە.
