ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى نوپۇزلۇق ئەزاسى دۇنيا بانكىسىنىڭ مۇدىرى دەيۋىد مالپاسقا قايتا مەكتۇپ يېزىپ، دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى «كەسپىي تەربىيەلەش مائارىپى» غا بەرگەن قەرز پۇلى ھەققىدە قوشۇمچە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەشنى تەلەپ قىلغان.
مەكتۇبتا «بىز دۇنيا بانكىسىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مۇسۇلمانلارنىڭ كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى مەلۇم بولغاندىن كېيىنمۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىگە ئىزچىل قەرز پۇل تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرغانلىقىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز،» دېيىلگەن. مەكتۇبنى ئامېرىكا دېلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرىدىن ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن بىلەن كېڭەش پالاتا ئەزاسى ماركو رۇبىيو يازغان.
ئۆتكەن يىلى دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى 5 مەكتەپنىڭ «تېنىكا ۋە كەسپىي مائارىپ» تەربىيەلەش پروگراممىسىغا 50 مىليون دوللار قەرز پۇل بەرگەنلىكى ئاشكارلىنىپ، قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى. جېيمىس مەكگوۋېرن بىلەن ماركو رۇبىيو ئۆتكەن يىلى 8-ئايدا دۇنيا بانكىسىغا يازغان مەكتۇبىدا، ئۇلارنىڭ بۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. ئۇلار بۇ قېتىمقى مەكتۇبىدا بۇ مەكتەپلەرنىڭ قەرز پۇلغا ئامانلىق ئەسلىھەلىرىنى سېتىۋالغانلىقى ئاشكارلانغاندىن كېيىن دۇنيا بانكىسىنىڭ قانداق تەدبىر ياكى ئىنكاسلاردا بولغانلىقىنى سورىغان.
دۇنيا بانكىسى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدا مەزكۇر تۈرگە قەرز بېرىشنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. لېكىن ئۇلارنىڭ تەكىتلىشىچە، دۇنيا بانكىسى پەقەت مۇشۇ تۈرگە قەرز بېرىشنى توختاتقان، ئەمما باشقا تۈرلەرگە قەرز بېرىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۇلار مەكتۇبىدا دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ 5 مەكتەپكە داۋاملىق قەرز بېرىشنىڭ يوشۇرۇن خەۋپىنى تەكشۈرۈپ باقمىغانلىقىنىڭ سوال پەيدا قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان. مەكتۇبتا يەنە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدەك بىر جايدا خىتاينىڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلىۋاتقانلىقىغا قانداق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقى سورالغان.
