دۇنيا بانكىسى جازالانغان خىتاي شىركەتلىرىگە 25 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل بەرگەن

دۇنيا بانكىسى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جازا تىزىملىكىدىكى 5 خىتاي شىركىتىگە 25 مىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل بەرگەن. ئامېرىكا ھۆكۈمەت مەسئۇلىيىتىنى كۆزىتىش ئىدارسى 10-ماي ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى بىر دوكلاتقا قارىغاندا، بۇ شىركەتلەر خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە ئارمىيەسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك شىركەتلەر ئىكەن.

دۇنيا بانكىسى، ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ جازا تىزىملىكىدىكى خىتاي خەۋەرلىشىش قۇرۇلۇش چەكلىك شىركىتى، خىتاي دۆلەتلىك خىمىيە سانائىتى شىركىتى، خىتاي كۆچمە خەۋەرلىشىش گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، خىتاي دۆلەتلىك ئېلېكترون ئىمپورت-ئېكسپورت شىركىتى ۋە خۇاۋېي شىركىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن ئىكەن.

ئۇ دوكلاتقا قارىغاندا، خۇاۋېي شىركىتى 2020-يىلى دۇنيا بانكىسى بىلەن 9 مىليون دوللاردىن ئارتۇق توختام تۈزىگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خىتاي شىركەتلىرى 2013-يىلدىن 2022-يىلغىچە دۇنيا بانكىسىنىڭ بارلىق توختاملىرىنىڭ 29.2 پىرسەنتنى ئالغان.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىلگىرى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئەندىشىسى سەۋەبىدىن خىتاي ئارمىيەسىنى قوللىغان خۇاۋېي شىركىتىنى ئامېرىكادا يېڭى مەھسۇلاتلارنى سېتىش ياكى ئىمپورت قىلىشتىن چەكلىگەن ئىدى.

ئىلگىرى دۇنيا بانكىسىنىڭ 2015‏-يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 5 ئالىي مەكتەپنىڭ «كەسپىي تەربىيەلەش پروگراممىسى» غا 50 مىليون دوللار قەرز پۇل بەرگەنلىكى ئاشكارىلانغان. دۇنيا بانكىسىنىڭ بۇ قىلمىشى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئامېرىكادىكى «ئەركىنلىك سارىيى» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىنىڭ دىققىتىنى ۋە نارازىلىقىنى قوزغىغان ئىدى.

دۇنيا بانكىسىدىن مەبلەغ ئالغان خىتاي ئارمىيەسى بىلەن چېتىشلىق ئورگانلار بۇنىڭلىق بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىغان. ئەنگلىيە شېفىلد ھالىم ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2022-يىلدىكى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بىڭتۇەنمۇ ئىلگىرى دۇنيا بانكىسىدىن 7.1 مىليون مەبلەغ ئالغان ئىكەن.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2020-يىلى «بىڭتۇەن» ئورگانى ۋە ئۇنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئىككى نەپەر ئەمەلدارىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلغانىدى.

2022-يىلى 11-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى ئىجرائىيە كومىتېتى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق شىركەتلەرگە ئاز دېگەندە 486 مىليون دوللار پۇل تەمىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان. بۇ كومىتېت خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە شىركەتلىرىنى ئۇيغۇر رايونىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك، يەر سېتىۋېلىش، مىللىي كەمسىتىش، مۇھىت ۋە مەدەنىيەت بۇزغۇنچىلىقىغا چېتىشلىق شىركەتلەرگە ياردەم قىلىشنى توختىتىشقا چاقىرغان ئىدى.