د ئۇ ق خەلقئارانى سېرىقبۇيا ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى
2013.11.18
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت، 18-نويابىر رادىئومىز ئارقىلىق بايانات بېرىپ، «16-نويابىر سېرىقبۇيا ۋەقەسىدە ھۇجۇمچىلارنى تىرىك تۇتۇش شارائىتى بار تۇرۇقلۇق قىرىپ تاشلىدى. بۇ ھەددىدىن زىيادە كۈچ قوللانغانلىق!» دەپ ئەيىبلىدى.
شۇنداقلا دائىرىلەرنىڭ ۋەقەدىن كېيىن كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خەلقئارانى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ سېرىق بۇيا ۋەقەسىدىن كېيىنكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە دىققەت قىلىشقا چاقىردى.
باياناتچى دىلشات رىشىت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىگىلىگەن ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، دائىرىلەرنىڭ 16-نويابىر كېچىدىن باشلاپ تۇتقۇن قىلىشنى باشلىۋەتكەنلىكىنى، پەقەت ئۈرۈمچىدىنلا 17-نويابىر كۈنى مارالبېشىلىق 9 ئۇيغۇرنى تۇتقانلىقى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق ئىگىلىگەن ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر 17-نويابىر كۈنى مارالبېشىدىن ئۈرۈمچى چوڭ بازارغا كېلىپ تىجارەت قىلىۋاتقان 9 ئۇيغۇرنى 14-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇدۇلىدىكى ئائىلىلىكلەر قوراسىدىن تۇتۇپ كەتكەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنغانلاردىن ئىككىسىنىڭ ئۈرۈمچى چوڭ بازاردا تىجارەت قىلىدىغان باققال ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.