ئۇيغۇر ئېلى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ يېڭى ئېنېرگىيە بازىسىغا ئايلانماقتا

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەبىئىي بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، ئۇنى ئەڭ چوڭ نېفىت، كۆمۈر، تەبىئىي گاز ۋە توك ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا ئايلاندۇرغان بولۇپ، بۇنىڭلىق بىلەن قالماي رايوندا يېڭى ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرىنى كۆپلەپ قۇرغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر ئېلى يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدىمۇ خىتاي بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتكەن.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ گېزىتى» 6-ئاۋغۇست تارقاتقان خەۋەردىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ كۆلىمى 103 پىرسەنت ئېشىپ، ئۇيغۇر ئېلى خىتاي بويىچە ئەڭ چوڭ «قايتا ھاسىل بولىدىغان ئېنېرگىيە» بازىسىغا ئايلانغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدە شامال كۈچى بىلەن توك چىقىرىش قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 37 پىرسەنتكە يېقىن ئاشقان بولسا، يورۇقلۇق ۋولت توك ئىشلەپچىقىرىش تۈرىگە سېلىنغان مەبلەغ 36.5 پىرسەنت ئاشقان. بۇنىڭ بىلەن، ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىنىڭ توك چىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 103 پىرسەنت ئاشقان؛ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش ئەسلىھەلىرى كۆلىمى خىتايدىكى ئوتتۇرىچە نىسبەتتىنمۇ 10 پىرسەنت ئېشىپ كەتكەن.

بۇ ھەقتە سىستېمىلىق ئىزدەنگەن ئالىملاردىن درۇ گلادنېي (Dru C. Gladney)، مايكىل كلارك (Michael Clarke) قاتارلىقلارنىڭ پىكرىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىنىڭ ئەڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى بۇ رايونغا خىتاي نوپۇسىنى كۆچۈرۈش ھەمدە رايون تەۋەسىدىكى بايلىقنى تالان-تاراج قىلىش بولغان. گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندىكى بايلىقلارنى تولۇق ئېچىش پىلانىنى تۈزگەن بولسىمۇ، ئىقتىساد ۋە تېخنىكا چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ئىشقا ئاشۇرالمىغان، بۈگۈنكى كۈندە بولسا سىرتتىن ئېلىپ كىرگەن تېخنىكا ۋە ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كونا ۋە يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقلىرىنى غايەت زور كۆلەمدە ئېلىشنى تېزلەتكەن.