ئەنگلىيەدە 50 مىڭ سۈرىيە مۇساپىرى ئېلىش تەلەپ قىلىندى
2015.10.18
ئەنگلىيىدىكى خرىستىيان چېركوۋىنىڭ 84 نەپەر مەسئۇلى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى دەۋىد كامېرونغا خەت يېزىپ، 50 مىڭ نەپەر سۈرىيىلىك مۇساپىرنى ئەنگلىيەگە قوبۇل قىلىشنى تەلەپ قىلدى.
ب بس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىلتىماس سۇنغۇچىلار ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ 2020 - يىلىغىچە 20 مىڭ مۇساپىر قوبۇل قىلىش قارارىنىڭ تولۇق ئەمەسلىكى، قوبۇل قىلىدىغان مۇساپىرلارنى 50 مىڭغا يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى يەنە 100 مىليون فۇنت سىتېرلىڭ ئاجرىتىپ، ئۇنى خەيرىخاھلىق ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان جەمئىيەتلەرنىڭ مۇساپىرلارغا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن ئىشلىتىشىگە بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
ئەمما، ئەنگلىيە چېركوۋىنىڭ مەزكۇر 84 ئادىمى ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باسماقچى بولغان مەزكۇر قەدىمىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى شەرھىلىگەن.
سۈرىيىلىك مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش مەسىلىسى نۆۋەتتە ياۋروپادىكى مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. تۈركىيە ھازىرغىچە سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى ئەڭ كۆپ قوبۇل قىلىپ ياردەم كۆرسەتكۈچى مەملىكەت ھېسابلانماقتا.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىمۇ 10 مىڭ سۈرىيىلىك مۇساپىر قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.