خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە ئارىسىدا بۇ ھەپتە ئاخىرى قوراللىق توقۇنۇش يۈز بەرگەن.
توقۇنۇش ئەزەربەيجان ئۆزىنىڭ دەپ تالىشىپ كېلىۋاتقان قاراباغ رايونىدا يۈز بەرگەن. قاراباغ رايونى ئەسلىدە ئەزەربەيجان تەۋەسىدىكى ئەرمەنلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىڭ بىرى بولۇپ، يىللاردىن بۇيان توقۇنۇش نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن.
شەنبە كۈندىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەزەربەيجان ۋە ئەرمەن قوراللىق قىسىملىرى مەزكۇر رايونىنىڭ ئالدىنقى سېپىدە بىر - بىرى بىلەن تۇتۇشقان. ھەر ئىككى تەرەپ توقۇنۇشقا قارشى تەرەپنى سەۋەبچى، دەپ ئەيىبلەشكەن.
ئەلجەزىرەنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەرمەن قىسىملىرىنىڭ 12 نەپەر ئەزەربەيجان ئەسكىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى، ئەمما ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئىككى ئېگىزلىكىنى ئىگىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئەرمېنىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ئارتسرۇن ھوۋھاننىسيان فەيسبوكتا ئېلان قىلغان باياناتىدا ئەرمەن قىسىملىرىنىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىغا ئۆتكەنلىكىنى، نۆۋەتتە رايوندا ئاكتىپ ئۇرۇش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، ئېيتقان.
خەۋەرلەردە ئەرمېنىيە تەرەپتىن 18 ئەسكەر ئۆلگەنلىكى ئىلىگىرى سۈرۈلگەن.
مەزكۇر رايوندا ئاخىرقى قېتىم كۆرۈلگەن توقۇنۇشۇش 1988 - يىلى 20 - فېۋرال ئەزەربەيجاننىڭ جەنۇبىدىكى ناگورنو - قاراباغ ئاپتونوم ئوبلاستى بىلەت تاشلاپ ئەرمېنىيەگە قوشۇلۇپ كېتىشنى قارارلاشتۇرغاندىن كېيىن باشلانغان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ئەزەربەيجان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن مەزكۇر بۆلۈنمە ھۆكۈمەتنى بىكار قىلغان. ھالبۇكى، يەرلىك ئەرمەنلەر يەنە بىلەت تاشلاپ ئەزەربەيجاندىن بۆلۈنۈپ چىققان ۋە ھازىرغىچە ئېتىراپ قىلىنماي كەلگەن ناگورنو - قاراباغ جۇمھۇرىيىتىنى جاكارلىغان.
مەزكۇر رايوندىكى توقۇنۇش 1990 - يىللارغا كەلگەندە كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلانغان، نۇرغۇن قان تۆكۈلگەن، ئۇرۇش 1994 - يىلى قانۇنىي جەھەتتىن توختىغان ۋە ناگورنو - قاراباغ رايوننىڭ 1923 يىلى سابىق سوۋېت دەۋرىدە سىزىلغان خەرىتىسى ئۆزگەرتىلمىگەن.
مەزكۇر رايون پرېزىدېنتىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىمقى توقۇنۇشنىڭ 1994 - يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ ئېغىر توقۇنۇش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
رېيتېرستا كۆرسىتىشىچە، 1990 - يىللاردا ئەزەربەيجان ۋە ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 30 مىڭ ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىكەن.
