فىرانسىيەنىڭ نىس شەھىرى پەيشەنبە كۈنى كېچىسى تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 84 ئادەم ئۆلگەن. ھۇجۇمچى بىر يۈك ئاپتوموبىلىنى ھەيدەپ، 1789-يىلى فىرانسىيە ئىنقىلابىدا باستىل تۈرمىسى ئازاد قىلىنغان 14-ئىيۇل «باستىل كۈنى» نى خاتىرىلەش ئۈچۈن يىغىلغان ئاممىنى نىشانغا ئالغان.
شۇ كۈنى نىس شەھىرىنىڭ دېڭىز ساھىلىدىكى چوڭ يول بويىدا كەچلىك ساليوت كۆرۈشكە 30 مىڭدەك ئامما يىغىلغان. ھۇجۇمچى ئاممىنى ھەم ئاپتوموبىلغا باستۇرۇپ، ھەم ئۇلارغا ئوق چىقىرىپ، 2 كىلومېتىردەك ماڭغاندىن كېيىن ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغان.
ھۇجۇمنىڭ بىر ياكى بىردىن ئارتۇق كىشى ئىكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. خەۋەرلەردە، ساقچىلار ھۇجۇمچىنىڭ شېرىكى بار-يوقلۇقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 2 ئامېرىكىلىق، بىر ئۇكرائىنالىق، بىر رۇسىيەلىك ۋە بىر شىۋېتسىيەلىك ئايال بار ئىكەن.
پرېزىدېنت ھوللاند، يارىلانغان 50 كىشىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ «ھايات-ماماتلىق ئوتتۇرىسىدا» تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق بىر گۇرۇھ ھۇجۇمغا مەسئۇل ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلمىدى.
فىرانسىيە ئاخباراتى، ھۇجۇمچىنىڭ كىملىكىنى 31 ياشلىق تۇنىسلىق فىرانسىيە پۇقراسى موھامەد لاخوئېىج بوھلېل، دەپ ئېلان قىلغان. خەۋەرلەردە ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بوھلېل يۈك ئاپتوموبىلىنى ھۇجۇمدىن 2 كۈن بۇرۇن كىراغا ئالغان.
فىرانسىيە ئۆتكەن يىلى نويابىردا تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، 130 ئادەم ئۆلگەن. ھۇجۇمغا تېررورلۇق گۇرۇھ دائىش مەسئۇل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى.
