ئۆتكەن ھەپتە فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۇل ماكرون خىتايدىكى خىزمەت زىيارىتىگە مېڭىش ئالدىدا بىر قىسىم تەشكىلاتلار ئۇنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈن دۇنيا كۆز تىكىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن بولىدىغان سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويۇشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. ئەمما ئىشلار كىشىلەر ئۈمىد قىلغاندەك بولمىدى.
پۈتكۈل سۆھبەت جەريانىدا ئېممانۇل ماكرون ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تۈگۈل، يېقىندا «ساخاروف مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى توغرىلىقمۇ بىر ئېغىز سۆز قىلمىغان. «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» 11-نويابىر ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى ئوبزوردا ئېيتىلىشىچە، ماكرون بېيجىڭغا كېلىشتىن بۇرۇنلا خىتاي تەرەپ ئۇنىڭغا بولغۇسى سۆھبەت جەريانىدا خىتاينىڭ «ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىق» بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىشنى ئۇقتۇرغان.
«كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بۇ ھالنى قاتتىق تەنقىدلەپ، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل «يۇمشاق دىپلوماتىيە» ئارقىلىق خىتاي بىلەن دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنىڭ مىليونلىغان ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامالغان ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى. شۇنداقلا «ماكروننىڭ بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىشى شى جىنپىڭنىڭ خورىكىنى تېخىمۇ ئۆستۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ زۇلۇمغا يول ئاچىدۇ» دېدى.
