فلورىدا شىتاتى خىتاي ئوقۇغۇچىلارنى تەجرىبىخانىدىن چەكلەش ھەققىدە قانۇن ئېلان قىلدى

«ئىلىم-پەن» (Science) تورىنىڭ 12-دېكابىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، فلورىدا شىتاتى ئېلان قىلغان يېڭى قانۇن خىتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ فلورىدا شىتاتىدىكى شىتاتلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قاراشلىق تەجرىبىخانىلاردا ئىشلىشىنى مەنئى قىلىشنى رەسمىي ئىشقا ئاشۇرغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ قانۇن يەنە فلورىدا تەۋەسىدىكى مائارىپ سىستېمىسىنى خىتاي ۋە باشقا «گۇمانلىق ئالتە دۆلەت» ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ھەر خىل ياردەم نامىدىكى مەبلىغىنى قوبۇل قىلىشتىن چەكلەيدىكەن. نۆۋەتتە بۇ قانۇن تەدبىقلىنىدىغان ئالىي مەكتەپلەر 12 گە يەتكەن بولۇپ، چەكلىمىنى كەچۈرۈم قىلىشنى تەلەپ قىلغان خىتايلار شىتاتلىق مائارىپ سىستېمىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالمىغۇچە ئۇلارنىڭ مەكتەپ تەجرىبىخانىلىرىدا خىزمەت قىلىشىغا بولمايدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، فلورىدا شىتاتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر قانۇننى ماقۇللىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب، خىتاينىڭ مائارىپ تارماقلىرى ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشى ھەمدە بارغانسېرى ئەۋجىگە چىقىۋاتقان ئەقلىي مۈلۈك ئوغرىلىقى بولغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرىمۇ ئامېرىكا تەۋەسىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ خىتاي مەبلىغىنى قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئامېرىكا خەلقىنىڭ قىممەت قارىشىغا خىلاپ بولغان بەزى قەبىھلىكلەرگە شېرىك بولۇپ قالغانلىقى مەلۇم بولغان.

مەزكۇر قانۇن ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، فلورىدا شىتاتىدىكى بىر قىسىم ئالىي مەكتەپلەرنىڭ رەھبەرلىكى بۇنىڭغا قارشى چىققان ھەمدە «بۇ ھال مەكتىپىمىزگە كېلىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ سانىنى ئازايتىۋېتىدۇ» دېگەندەك سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىر قىسىم خىتاي پىروفېسسورلارمۇ بۇنى قوللاپ، «بۇنداق قىلىش ئەمەلىيەتتە ئۆز پۇتىمىزغا ئۆزىمىز پالتا چاپقانلىققا باراۋەر» دېگەن. نۆۋەتتە بۇ ھەقتىكى مۇنازىرىلەر فلورىدادىكى ھەرقايسى ئاخباراتلاردا جىددىي داۋام قىلماقتا ئىكەن.