«بلۇمبېرگ» خەۋەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەنگىلىيەدە ئېچىلغان G-7 يىغىنىدا خىتاي ئاساسلىق نارازىلىق ئوبيېكتى بولغان. يىغىنغا قاتناشقان 7 دۆلەت تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى، تەيۋەن مەسىلىسى، خىتاينىڭ تور جاسۇسلىقى قاتارلىق بىر قاتار تېمىلار ئۈستىدە نوقتىلىق مۇزاكىرىلەرنى قىلغان.
«بىلۇمبېرگ» گېزىتى ئىككى كۈنلۈك مۇزاكىرىلەردىن كېيىن ئېلان قىلىنغان باياناتنى كۆرگەن بولۇپ، باياناتتا خىتاي قاتتىق نارازى بولىدىغان نۇرغۇن مەزمۇنلار يەر ئالغان ئىكەن. ئۇنىڭدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «بىز شىنجاڭ ۋە تىبەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ۋە زوراۋانلىقىدىن داۋاملىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت ئەزالىرىغا قارىتىلغان تەقىبلەش ۋە كەڭ كۆلەملىك سىياسىي قايتا تەربىيەلەش لاگېرلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن، مەجبۇرىي ئەمگەك سىستېمىسى ۋە مەجبۇرىي تۇغماس قىلىش ھەققىدىكى خەۋەرلەردىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتىمىز.»
ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر نەپەر ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەمەلدارىنىڭ «بلۇمبېرگ» گېزىتىگە ئېيتىپ بېرىشىچە، G-7 يىغىنىدا رەھبەرلەر خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئىقتىسادىي كوزېز شەكىللەندۈرمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ۋە ئىقتىسادىي تەھدىت ئارقىلىق ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى ھەققىدە 90 مىنۇت ئەتراپىدا سۆزلەشكەن ئىكەن.
ئۇلار باياناتىدا: «ئۆز مەيلىچە ۋە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك ئىقتىسادىي سىياسەت ۋە ئەمەلىيەت ئالدىدا بۇ دۆلەتلەر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆز-ئارا ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى» دېگەن. ئۇنىڭدا يەنە «بىز خىتاينىڭ يەر شارى ئىقتىسادىي رولىغا ماس كېلىدىغان مەجبۇرىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشىنى ۋە ئورۇندىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بىز خىتاينى ئىلغار تېخنىكا ئىقتىدارىغا ئىگە ئاساسلىق كۈچ ۋە ئىقتىساد بولۇش سۈپىتى بىلەن، قائىدە-قانۇن ئاساسىدىكى خەلقئارا سىستېمىغا ئىجابىي يوسۇندا قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز» دەپ تەكىتلىگەن.
خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، بۇ يىغىندا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئانتونىي بىللىنكېن خىتاينىڭ ئىقتىسادىي زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىشقا باشلىغان بولۇپ، G-7 گە قاتناشقان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئۈچ دۆلەت گېرمانىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە بۇ جەھەتتە بايدېن ھۆكۈمىتىگە يېقىنلىشىشقا باشلىغان ئىكەن.
