ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ بايلىرىدىن بىرى، مەبلەغ سالغۇچى ۋە ساخاۋەتچى جورجى سوروس يېقىندا «ۋول-سىترېت ژۇرنىلى» گېزىتىدەماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى تەنقىدلىگەن، ئۇنى «دۇنيانىڭ خەتەرلىك دۈشمىنى، دېڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسلاھات يولىنى رەت قىلىپ، خىتاينى بالايى ئاپەت يولىغا باشلىغۇچى» دېگەن.
جورجى سوروسنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمدارى شى جىنپىڭ خىتاينى دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەتكە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ سىياسىتىدە ئېغىر خاتالىق ۋە تەتۈرلۈك بار، ھاكىمىيىتىنىڭ ئىچكىي قىسمىدا زىددىيەتلەر بار، بۇ زىددىيەتلەر ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سۈركىلىشلەردە ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇ بۇ زىددىيەتلەرنىڭ تۈپ سەۋەبىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېگەن: «ئامېرىكا دېموكراتىيەنى، ئېچىۋېتىلگەن جەمئىيەتنى قوللايدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ رولى شەخسىي ئەركىنلىكىنى قوغداش؛ شى جىپنىڭ بولسا ماۋ زېدۇڭنىڭ يولىنى تۇتۇپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن بېكىنمە جەمئىيەتنى بەرپا قىلدى، بۇنداق جەمئىيەتتە شەخسنىڭ ئەركىنلىكى يوق، بارلىق خىتاي پۇقرالىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. شى جىنپىڭنىڭ مەقسىتى خىتاي پۇقرالىرىنى پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ، رىقابەتتە ئۈستۈنلۈك قازىنىش».
جورجى سولوس مۇنداق دەپ يازغان: «ئامېرىكا بىلەن خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېزدىن يامانلىشىپ كېتىشى بەلكىم ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. شى جىنپىڭ كەلگۈسى 10 يىلدا تەيۋەننى ئېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن خىتاي ئارمىيەسىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ بولدى. ئۇ 2022-يىل خىتاينىڭ ئۆمۈرلۈك پرېزىدېنتى بولۇپ قالسا، 10 يىلدا پۈتۈن ھوقۇقنى قولغا ئالالايدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ بولدى. ئۇ ئۆز پىلانىدا نۇرغۇن دۈشمەنلىرىنى يوقاتماقچى، ئۇلارنى ئۆزىگە قارشى چىقالمايدىغان قىلىپ قويماقچى. مەنچە، شى جىنپىڭ بۈگۈنكى ئېچىۋېتىلگەن دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك دۈشمىنى، بارلىق خىتاي پۇقرالىرىمۇ ئۇنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلىرى، بولۇپمۇ خىتايدىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەر، دىنىي ئېتىقادچىلار ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىدى».
ئۇنىڭ قارىشىچە، شى جىنپىڭ 2022-يىلدىن كېيىن داۋاملىق ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرسا تېخىمۇ خەتەرلىك دىكتاتورغا ئايلىنىدۇ، قول ئاستىدىكى ئەمەلدارلىرىنى قورقۇتۇپ ھەم ئالداپ، ئۇلارنى مۇتلەق بويسۇندۇرىدۇ؛ خىتاي پۇقرالىرىنى قاتتىق تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇپ، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ سادىق قۇللىرىغا ئايلاندۇرىدۇ؛ دۇنيا خوجا بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئۆكتەم، زوراۋان، بىمەنە سىياسەت يۈرگۈزىدۇ. ئاقىۋەتتە، خىتاي دۆلىتىگە ۋە دۇنياغا بالايى ئاپەت ئېلىپ كېلىدۇ.
