بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا گېرمانىيەدىكى كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ 10 مىليون 900 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
بۇ ھال نۆۋەتتە 80 مىليون نوپۇسقا ئىگە گېرمانىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەنلەر دۆلىتىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى قىسقىغىنە 3 يىل ئىچىدىلا گېرمانىيەگە كېلىپ يەرلەشكەن كۆچمەنلەرنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن. بۇ 1950-يىلىدىن ئېتىبارەن كۆچمەن قوبۇل قىلىشقا باشلىغان گېرمانىيە تارىخىدا چەتئەلدىن كەلگەن كۆچمەنلەر سانى ئەڭ تېز سۈرئەتتە كۆپەيگەن 3 يىل ھېسابلىنىدىكەن. بۇ 3 يىل مابەينىدە گېرمانىيەگە كەلگەن كۆچمەنلەر ئىچىدە پولشالىقلار، رومانىيەلىكلەر، ئىتالىيانلار، بۇلغارىيەلىكلەر ۋە ھۇنگارىيەلىكلەر كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىكەن. ئۇنىڭدىن قالسا، خىتاي پاسپورتى كۆتۈرگەنلەر، سۈرىيەلىك مۇساپىرلار ۋە ھىندىستانلىقلار كۆپ ساننى تەشكىل قىلىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، 1950-يىلىدىن بۇيان گېرمانىيەدە چەتئەللىك كۆچمەن ئاتا-ئانىدىن تۇغۇلغان بالىلار 16 مىليوندىن ئارتۇق بولۇپ، ئۇلار گېرمانىيەدىكى 80 مىليون ئاھالىنىڭ بەشتىن بىر پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
