گېرمانىيە شىركەتلىرى خىتايدىن چېكىنىپ چىقالامدۇ؟
2024.08.27
«گېرمانىيە دولقۇنلىرى» نىڭ 26-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى 2023-يىلى ئۆزلىرىنىڭ لىڭشىپ قالغان ئىقتىسادىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن ئاساسلىق خام ئەشيا، تاۋار ۋە باشقا زاپچاسلاردا خىتايغا ئېغىر دەرىجىدە تايىنىپ قالغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغانىدى. شۇڭا تەڭسىز رىقابەت ۋە «دۇنيادىكى ئىككىنچى زور ئىقتىسادىي گەۋدە» دەپ قارىلىۋاتقان خىتايدىن ئاجرىلىپ چىقىش ھەققىدىكى چۇقانلارغا قارىماستىن 2023-يىلى ئىيۇلدا «خىتاي ھەققىدىكى ئىستراتېگىيە» نى ئېلان قىلغان بولۇپ، سابىق گېرمانىيە رەھبىرى ئولاف شۇلتز (Olaf Scholz) بۇ ھەقتە توختىلىپ «بۇنىڭدىكى مەقسەت خىتاي بىلەن بولغان باغلىنىشىمىزنى بىراقلا ئۈزۈپ تاشلاش ئەمەس» دېگەن.
شۇنىڭدىن بۇيانقى خەلقئارالىق چۇقانلار گېرمانىيەنى خىتايغا ئۇنچىۋالا «باشچىلاپ كىرمەسلىك» كە دەۋەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ «گېرمانىيە فېدېراتىپ بانكىسى» يېقىندا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلار ھازىرقى مالىيە سۈرئىتى داۋام قىلسا گېرمانىيەنىڭ خىتايغا سالغان بىۋاسىتە مەبلىغىنىڭ 2024-يىلى بىر ھەسسە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن. ئىقتىساد پەنلىرى پىروفېسسورى دورىس فىشېر (Doris Fischer) بۇ ھەقتە توختىلىپ «ئاپتوموبىل ۋە خىمىيەۋى مەھسۇلاتلار ساھەسى بۇنىڭدىكى ئەڭ زور تارماقلار» دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گېرمانىيە ئىشلەپچىقارغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئۈچتىن بىرى خىتايدا سېتىلىدىكەن. 2023-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا گېرمانىيە 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاپتوموبىل ۋە 11 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى خىتايغا ماڭدۇرغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى راي سىنىغان 566 شىركەتنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى ئۆزلىرىنىڭ خىتايغا سالىدىغان مەبلىغىنى كۆپەيتىش ئارزۇسىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئوبزوردا مۇشۇ ئەھۋال ئەسكەرتىلىپ «ئەينى ۋاقىتتا ياۋروپا ئەرزان باھالىق خام ئەشيادا پۈتۈنلەي رۇسىيەگە تايىنىپ كەلگەن. ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋروپا بۇنىڭ دەردىنى تارتىپ كېلىۋاتىدۇ. خىتايغا كەلگەندە گېرمانىيە خۇددى شۇنداق خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىۋاتىدۇ» دەپ خۇلاسە چىقىرىدۇ.