3-ئاينىڭ 5-كۈنى گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە «تۈركىيەنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا تەسىرى» ماۋزۇلۇق بىر پارچە بايانات ئېلان قىلىندى. باياناتتا «گېرمانىيە فېدېراتىپ ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە ئەمەلىي ياردەم بەرگەنلىكىگە دائىر ھېچقانداق مالۇماتى يوق،» دېيىلگەن.
بۇنىڭ بىلەن ئۆتكەن يىلى گېرمانىيە پارلامېنتىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى تۇنجى قېتىم رەسمىي مۇزاكىرىگە قويۇلۇپ، ئىككى كۈندىن كېيىن سول پارتىيەنىڭ «ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ ياردىمىدە خىتاينىڭ چېكىدىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە قارشى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىچىدە ۋە سۈرىيەنىڭ ئىدلىپ رايونىدا تېررورلۇق ھەرىكەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ» دېگەن گۇمانى سوئاللىرىغا ئېنىق جاۋاب بېرىلگەن بولدى.
باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزلىرى بىلەن مىللىي، تارىخىي ۋە دىنىي جەھەتتە ئالاھىدە دەرىجىدە باغلىنىشى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشى قائىدىگە مۇۋاپىق.»
گېرمانىيە پارلامېنتى سول پارتىيەنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان سوئاللىرىغا قارىتا ئاممىۋى ئاخبارات سەھىپىلىرىدىكى ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي ئېنىقلاش ۋە تەكشۈرۈش ئارقىلىق «فېدېراتىپ ھۆكۈمەتنىڭ جاۋابى» (19/7863) دېگەن رەسمىي نوتىنى ئۆتكەن ئاينىڭ 28-كۈنى پارلامېنت ئەزالىرىڭ دىققىتىگە سۇنغان. 3-ئاينىڭ 5-كۈنى بۇ جاۋاب نوتا گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ رەسمىي تور بېتىگە قويۇلۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ دىققىتىگە سۇنۇلدى.
بۇ يىل 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئەزەلدىن خىتاي بىلەن يېقىنلىقى بىلەن بىلىنگەن سول پارتىيەنىڭ پارلامېنتتىكى ۋەكىللىرى سېۋىم داگدېلېن، خايكې ھانسېل، ئابدرېي ھۇنكو، زاكلىم ناستىك قاتارلىقلىقلار تەييارلىغان «تېررورلۇق تەشكىلاتى-تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» تېمىسىدىكى بىر سۈرۈشتۈرۈش نوتىسى (17/7124) گېرمانىيە پارلامېنتىنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان ئىدى. بۇ ئاتالمىش سۈرۈشتۈرمىدە ئىدلىپتىكى ھايات تاھرىر ئاش-شام، ئال نۇسرا فرونتى قاتارلىق تەشكىلاتلار ئەمەلىيەتتە ئەل-قائىدەنىڭ ئىسمى ئۆزگەرگەن شەكلى دەپ كۆرسىتىلگەن. ئۇنىڭدا يەنە يۇقىرىقى تەشكىلاتلارنىڭ داۋاملىق تۈركىيە ئىستىقبارات ئورۇنلىرى بىلەن ئالاقىدە بولۇپ كېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. سۈرۈشتۈرمىدە يەنە «تۈركىستان ئىسلام پارتىيەسى» نىڭ «شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» گە ئوخشاش ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نامى بىلەن خىتايدىن بۆلۈنۈپ چىقىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنغان. ئۇلارنىڭ خىتاينىڭ ئىچىدىلا ئەمەس، بەلكى «ئىسلام دۆلىتى» پائالىيەتچىلىرى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقان قوشنا دۆلەتلەردىن پاكىستان، قىرغىزىستان، ئافغانىستان ھەتتا مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەلەردە ئاكتىپ ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، سول پارتىيەنىڭ گېرمانىيە پارلامېنتىغا سۇنغان بۇ سوئاللىرىنىڭ ھەممىسى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇچرايدىغان، دەلىللەنمىگەن ۋە توغرىلىق دەرىجىسىدىن سۆز ئېچىش قىيىن بولغان بىر تەرەپلىمىلىك ئۇچۇرلار ئىكەن.
ئۆتكەن ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان ئاز سانلىق مىللەتلەرنى تېرورچىلاردىن ئايرىپ مۇئامىلە قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى. شۇندىن كېيىن، گېرمانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە بەرگەن يۇقىرىقى باھاسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ھېسداشلىق ۋە قوللاشقا ئېرىشىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى ئىكەن.
