خەلقئارا ژۇرنالىستلارنى قوغداش جەمئىيىتى ئۆتكەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنى «شىنجاڭ گېزىتى» ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ تۇتقۇندىكى 4 نەپەر خادىمىنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى ئىلھام ۋەلى ھەمدە ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇللىرىدىن مىركامىل تۇرسۇن، مەمتىمىن ئوبۇل ۋە جۈرئەت ھاجىلارنىڭ ناملىرى بىرمۇ بىر تىلغا ئېلىنغان بۇ باياناتتا تۆت نەپەر ژۇرنالىستنىڭ قانۇنسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقى قاتتىق ئەيىبلەندى.
باياناتتا مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسىيا ئىشلىرى مەسئۇلى ستېۋىن باتلېر ئەپەندىنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى نەقىل كەلتۈرۈلدى: «دۇنيادا ھېچقانداق بىر ژۇرنالىست ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىك› دېيىلىدىغان بۇنداق مۈجمەل ۋە بىمەنە قالپاق بىلەن جازالانماسلىقى كېرەك.»
باياناتتا دېيىلىشىچە، تۇتقۇنلار ھەققىدىكى خەۋەر «ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى» دا ئېلان قىلىنغان كۈننىڭ ئەتىسى، يەنى 7-سېنتەبىر كۈنى مەزكۇر تەشكىلات ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە «شىنجاڭ گېزىتى» ئىدارىسىگە فاكىس يوللاپ مەزكۇر 4 نەپەر ئۇيغۇر خادىمنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر ئورگانلىرى بۇ سۈرۈشتىگە جاۋاب بېرەلمىگەن، يەنى ئۇلار خەۋەرنىڭ راستلىقىنى ئىنكار قىلالمىغان.
بۇنىڭ بىلەن 8-سېنتەبىر كۈنى ئۇلار بۇ باياناتنى ئېلان قىلغان.
باياناتتا 2017-يىلنىڭ ئاخىرىغىچە خىتاي بويىچە 41 نەپەر ژۇرنالىستنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ۋە بۇلارنىڭ 15 نەپىرىنىڭ ئۇيغۇر ژۇرنالىستلار ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.
بۈگۈن يەنە مەركىزى ياۋرو-ئاسىيا تەتقىقاتچىلار جەمئىيىتى بىر بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر پروفېسسور راھىلە داۋۇتنى تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن.
نۆۋەتتە مىليونلارچە ئىنساننىڭ يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىدىن ئۆزلىرىنىڭ خەۋىرى بارلىقى ۋە ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن مەزكۇر جەمئىيەت، ئەگەر راھىلە داۋۇتنىڭ سالامەتلىكىدە بىر مەسىلە چىقىپ قالسا، بۇنىڭ جاۋابكارلىقى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۈستىدە بولىدىغانلىقى ئەسكەرتكەن.