سادام ئابدۇسالام: «كومپارتىيە يۈرەك پارىلىرىمنى ‹گۆرۈگە ئېلىۋالدى!›»

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىدىن سادام ئابدۇسالامنىڭ ئايالى ۋە ئوغلى ئۈچ يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن ھازىرغىچە ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىشقا ئىلاج قىلالماي كەلمەكتە. 5-ماي كۈنى سادام بۇ ھەقتە مۇخبىرلارغا سۆز قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «گۆرۈگە ئېلىش دىپلوماتىيەسى» نىڭ قۇربانى بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «كۈندىلىك پوچتا» گېزىتىنىڭ 4-مايدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، سادام يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئايالى ۋە ئوغلىنى نەچچە سائەت سوراق قىلغانلىقىنى ئېيتىپ بەرگەن. شۇنداقلا ئۆزىنىڭ بۇ ھالنى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاجسىمان ۋىرۇسىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتە قىلىش ھەرىكىتىگە قارىتا خىتاي ھۆكۈمىتى پەيدا قىلغان «ئۆچ ئېلىش قىلمىشى» دەپ چۈشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ توغرىسىدا سۆز قىلىپ «بۇ گۆرۈگە ئېلىش دىپلوماتىيەسى بولماي نېمە؟ ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۆز پۇقرالىرىنى قوغداش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلالايدۇ؟» دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاۋسترالىيە شۆبىسىنىڭ دىرېكتورى ئېلاينا پېرسون بۇ ھەقتە توختىلىپ: «ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۈرۈمچىگە ۋەكىل ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئېلىپ كېلىشى كېرەك» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋسترالىيە پۇقراسىنى بۇنداق رەزىللەرچە گۆرۈگە ئېلىۋېلىشىنى ھەرگىزمۇ قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېدى.