گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ لاگېر ھاياتى ھەققىدە يېزىلغان كىتابى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان

ساناقلىق لاگېر شاھىدلىرىدىن گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ لاگېردىكى ئېچىنىشلىق كەچمىشلىرى تېما قىلىنغان «خىتاي لاگېرىدىن ھايات قالغۇچى» ناملىق كىتابى ئىنگىلىزچىگە تەرجىمە قىلىنغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكانىڭ داڭلىق تاراتقۇلىرىدىن بىرى بولغان ئامېرىكا ئاممىۋى رادىيوسى (NPR) بۇ ھەقتە مەخسۇس پروگرامما ئىشلەپ، گۇلباھار خانىمنى زىيارەت قىلغان. گۈلباھار خانىم بۇ رادىيو سۆھبىتىدە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن چاقىرتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، تۈرمىدە ئۆتكۈزگەن 2 يىللىق پاجىئەلىك مەھبۇس ھاياتى، فرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇتۇلۇپ چىققان تەلەيلىك بىر گۇۋاھچى بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيادىن كۈتىدىغان ئۈمىدلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. پروگرامما رىياسەتچىسى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ ئولىمپېك سەتچىلىكى ۋە رۇسىيەنىڭ ئوكرائىنا ئىغۋاگەرچىلىكى كۈچلۈك قارشىلىققا ئۇچراۋاتقان بۇ كۈنلەردە، لاگېرلاردا قاماقلىق تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلار پاجىئەسىنىڭ قايتا دىققەت قوزغاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكانىڭ گروزىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىمۇ گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ مەزكۇر كىتابىنى تونۇشتۇرۇپ ماقالە ئېلان قىلغان ھەمدە كىتابتىن بەزى جۈملىلەرنى نەقىل ئالغان. ماقالىدە يەنە لاگېر شاھىدلىرىدىن مېھرىگۇل تۇرسۇننىڭ ئەسلىمىسى يېزىلغان «بارسا كەلمەس جاي» ناملىق كىتابمۇ تونۇشتۇرۇلغان؛ گېرمان تىلىدا يېزىلغان بۇ كىتاب بۇ يىل يانۋاردا نەشر قىلىنغانىدى. ماقالىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، خىتايدىن قۇتۇلۇپ چىقالىغان تۇتقۇنلارنىڭ ھېكايىلىرى خەلقئارادا خېلى زور تەسىر پەيدا قىلغان. كىشىلەر ھايات قالغان بۇ گۇۋاھچىلارنىڭ پاجىئەلىك ئەسلىمىسى ئارقىلىق خىتاي يوشۇرۇپ كەلگەن جىنايەتلەرنى بىلگەن ۋە ئۇنىڭغا قارشى ھەرىكەتلىنىش سېپىگە قېتىلغان.

گۇلباھار خاتىۋاجىنىڭ «خىتاي لاگېرىدىن ھايات قالغۇچى» ناملىق كىتابى 2021-يىل 3-ئايدا فرانسوزچە نەشر قىلىنغان بولۇپ، شۇ يىلى 7-ئايدا «خىتاي لاگېرىدىن قانداق قۇتۇلدۇم؟» دېگەن نام بىلەن تۈركچىگە تەرجىمە قىلىنغانىدى. بۇنىڭدىن باشقا مېھرىگۇل تۇرسۇن ۋە سايراگۇل ساۋۇتباي قاتارلىق لاگېر شاھىدلىرىنىڭ ئەسلىمىسى يېزىلغان كىتابلارمۇ گېرمانچە، ئىنگىلىزچە تىللاردا نەشر قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان قىرغىنچىلىق بۇ گۇۋاھچىلارنىڭ لاگېردىكى كەچمىشلىرى، پاجىئەلىك ھېكايىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا تونۇلغانىدى.