ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، ياۋروپا پارلامېنتى 9-ئۆكتەبىر ستراسبۇرگدا ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە قارار ماقۇللاپ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنى «ئىلھام توختى ۋە گۈلشەن ئابباسنى، شۇنداقلا شىنجاڭدا خالىغانچە قولغا ئېلىنغانلارنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش» كە چاقىرغان.
دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2018-يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا تۇتقۇن قىلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى «تېررورلۇق ھەرىكىتى» بىلەن ئەيىبلەپ 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى» نىڭ سابىق دوتسېنتى ئىلھام توختىنى «دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانىدى. ياۋروپا پارلامېنتى ئىلھام توختىنىڭ تىنچلىق پائالىيەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان «ساخاروف مۇكاپاتى» تىنى 2019-يىلى خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىغا بەرگەن ئىدى.
يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان قاراردا خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى تۇرۇش جىنايەتلىرى، جۈملىدىن ھۆكۈمەتنىڭ كەمسىتىش قىلمىشلىرى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە قارشى سۆز قىلالايدىغان قورقۇمسىز كىشىلەرنى جىمىقتۇرۇش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى ئالاھىدە ئورۇن ئالغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، 2017-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ بىر مىليوندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئۇيغۇرنىڭ جازا لاگېرلىرىدا خالىغانچە تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ لاگېرلاردا ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىشكە، شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيەسىگە سادىق بولۇشقا مەجبۇر قىلىنغانلىقىمۇ تەكىتلەنگەن.
قاراردا يەنە خىتاي دائىرىلىرىنى سىستېمىلىق باستۇرۇشنى توختىتىشقا ۋە بارلىق جازا لاگېرلىرىنى تاقاشقا، ياۋروپا كېڭىشىنى ئۇيغۇر ئېلى ۋە خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە چېتىشلىق بارلىق ئەمەلدارلارغا داۋاملىق جازا يۈرگۈزۈشكە چاقىرغان.
ۋاشىنگتوندىكى ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ناھەق تۈرمىگە تاشلانغان ئۇيغۇرلارغا، بولۇپمۇ پىروفېسسور ئىلھام توختى ۋە دوكتور گۈلشەن ئابباسقا ئائىت تارىخى قارارنىڭ ماقۇللىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.