ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا پارتلاش ھادىسىسى يۈز بېرىپ 2 كىشى ئۆلگەن

ئىگىلىنىشىچە، 12-فېۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىسادىي-تېخنىكا تەرەققىيات رايونىغا جايلاشقان يىخۇا خىمىيە سانائىتى چەكلىك شىركىتىنىڭ 5-نومۇرلۇق كالتسىي كاربىد پېچى پارتلاپ كېتىپ، ئىككى كىشى نەق مەيداندا ئۆلگەن، بىرقانچە كىشى يارىلانغان.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر جىددىيلىشىپ خىمىيە سانائىتى ۋە يېڭىدىن كېڭىيىۋاتقان تەرەققىيات رايونلىرىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ ھەقتە چېن چۈەنگو ۋە شۆھرەت زاكىرلارنىڭ مەخسۇس كۆرسەتمە بەرگەنلىكى مەلۇم.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇتىزاپ قاسىم مەخسۇس ئۆمەك بىلەن نەق مەيدانغا بېرىپ ۋەقەنىڭ سەۋەبىنى تەكشۈرمەكتىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيانقى مەركىزىي ھالقىسى ئۈرۈمچىدىن كۇيتۇنغىچە بولغان بۇ بەلۋاغقا مەركەزلەشكەن ئىكەن. بۇ رايوندا خىتاي ئاھالىلىرى مۇتلەق كۆپ ساننى تەشكىل قىلغان بولۇپ، بىڭتۇەننىڭ مەركىزى بولغان شىخەنزە، نېفىت سانائىتىنىڭ ئاساسلىق بازىسى بولغان قاراماي، مايتاغ ۋە شەرقىي جۇڭغار نېفىتلىكلىرى بۇ بەلۋاغقا جايلاشقان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ بەلۋاغ خىتاي ئۆلكىلىرى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان قاتناش تۈگىنى بولۇپ، دۆلەت ھالقىغان تاشيول ۋە تۆمۈريول لىنىيەلىرى بۇ يەردىن ئۆتىدىكەن.

كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنىڭ بۇ ۋەقەدىن شۇنچە جىددىيلىشىپ كېتىشى، بۇ جاينىڭ رايوندىكى ئىقتىسادىي جان تومۇر بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىماقتا.