ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى بىخەتەرلىك مەبلىغى بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە قىلدى

ئامېرىكا خىتاينىڭ ئاسىيا تىنچ-ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى كېڭەيتىش ئۇرۇنۇشلىرىغا قارىتا بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى بىخەتەرلىك مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۆتكەن شەنبە كۈنى سىنگاپوردا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرنى 300 مىليون دوللارلىق بىخەتەرلىك مەبلىغى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مايك پومپېيو ئامېرىكىنىڭ بۇ پىلانىنى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلگەن «شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى» نىڭ يىغىنىدا مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىغان. ئۇ ئۆتكەن ھەپتە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر يىغىنغا قانىشىپ، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچراشقان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پومپېيو ئۆتكەن شەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا «ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىمىزنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئامېرىكا پۈتكۈل رايوننىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى ئالغا سۈرۈشكە 300 مىليون دوللارغا يېقىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەيدۇ،» دېگەن. مايك پومپېيو بۇنىڭ سەل ئالدىدا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ئېنېرگىيە، تېخنولوگىيە ۋە ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشىغا 113 مىليون دوللار ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئانالىزچىلار ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى دۆلەتلەرگە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىشى خىتاينىڭ بۇ رايوندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە تاقابىل تۇرۇشنى مەقسەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بۇ ئامېرىكا-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدەك رايون خاراكتېرلىك قىزىق نۇقتىلارغا كېڭىيىشىدىن دېرەك بېرىدىكەن. مايك پومپېيو مۇخبىرلارغا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزنى ھەربىيلەشتۈرىۋاتقانلىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىنگاپوردىكى يىغىنغا خىتاينىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى قاتناشقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە تەكىتلىشىچە، ۋاڭ يى مۇخبىرلارغا ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىي دېڭىزغا «زور ئىستراتېگىيىلىك قوراللار» نى ئەۋەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ مەزكۇر رايوننىڭ ھەربىيلىشىشىنىڭ ئارقىسىدىكى ئەڭ چوڭ كۈچ» دېگەن. مەلۇمكى، خىتاي جەنۇبىي دېڭىزنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىدا ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇ رايوندىكى بەزى ئاراللارغا ھەربىي قورال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.